2009/02/05

تاغدىكى سىرلىق دېلو-1

مەن بىر رازۋېدكا ھېكايىسى مەستانىسى. بۇمېنىڭ تۇنجى رازۋېدكا ھېكايەم . تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ! خالىغانچە كۆچۈرمەڭ ! ئ

تاغدىكى سىرلىق دېلو
ئاپتورى: بۇغرا ئەنۋەر
رازۋېتكا ھېكايىسى

1

مەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، ئۆي تەرەپكە بۇرۇلدۇم . شەپەق قىزىرىپ قالغان ئىدى . << ھەجەپ كەچ بولۇپ كېتىپتۇ ، توپ ئويناپ سەزمەپتىمەن . >> دەپ ئويلىدىم . دەل شۇ چاغدا ، بىرسىنىڭ كەينىمدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان تېۋىشىنى سەزدىم . كەينىمگە قاراپ بولغۇچە بىرسى مۈرەمگە شاپىلاقلىدى . قارىسام ، بىر سىنىپتىكى يېقىن دوستۇم ئابدۇقەييۇم ئىكەن . ئۇنىڭ بوي تۇرقى، ئورۇق - سېمىزلىكى مەن بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيتتى . ئەمما ماڭا ئوخشىمايدىغان يېرى ئىنتايىن ئوچۇق مىجەز ۋە شوخ ئىدى .
_ ھەجەپ بىر پاڭ قۇلاق نېمىكەنسەن ، _ دېدى ئۇ ھاسىراپ ۋە ماڭا ياندىشىپ ماڭدى ،_ باياتىننىڭياقى شۇنداق توۋلىسام پەقەت ئاڭلىمىدىڭ .
_ خاپا بولمىغىن ، ئاڭلىماپتىمەن . سەنمۇ كۈچەپرەك توۋلىساڭ بولمامتى ، _ دېدىم مەن كۈلۈپ .
_ ھېلىمۇ توۋلاپ كانىيىم يىرتىلىپ كېتەي دېدى ، يولدىكى ھەممە ئادەم ماڭا قارىشىپ كەتتى ، سەنلا ئاڭلىمىدىڭ ،_ دېدى ئۇ ۋە تۇرقۇمغا بىر قارىۋېتىپ ، _ يەنە توپ ئويناپ ئۆيگە ۋاخ قاپسەن ، دە .
_ قانداق بىلدىڭ ؟
_ كىيىمىڭگە قاراپچۇ ، يەنە چاچلىرىڭ تەردىن ھۆل بولۇپ بىر –بىرىگە چاپلىشىپ كېتىپتۇ . ئۇنىڭدىنمۇ ئېنىق بىر پاكىت بار ، قارا ، كېيىمىڭدە توپ تېگىپ كەتكەن ئىز تۇرمامدۇ . ھۆل توپ تەگكەن ئوخشايدۇ ، ئىزى قۇرۇپ لاي بولۇپ قېتىپ قاپتۇ.
_ كۈزىتىش ئىقتىدارىڭ خېلى ئۆسۈپ قاپتۇ . ھە ؟ ! _ دېدىم مەن كۈلۈپ .
_ شۇنداق بولماي ئەمىسە ، مېنى دۆت چاغلاپ قالغانمىتىڭ ، _ دېدى ئۇ ۋە كۆرەڭلەپ ياقىسىنى تۈزەشتۈرگەن ھەرىكەتنى قىلىپ قويدى ،_ سەنزە، ئۆزەڭنىلا مۇشۇنداق كۈزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قاپسەندە .
_ كۈزىتىشىڭ توغرا بولغان بىلەن ، ھۆكۈمىڭنىڭ بىر نەچچە يېرى خاتا .
_ ھە ؟! دەپ باقە قېنى .
_ كېيىمىمگە قاراپلا توپ ئويناپسەن دەپ ھۆكۈم چىقارماسلىقىڭ كېرەك ئىدى . چۈنكى سەنمۇ بىلىسەن ، مەن ئازادە دەپ ، ئادەتتىمۇ تەنتەربىيە كېيىنى كېيىۋالىمەن . شۇڭا بۇنى ئاساس قىلساڭ بولمايدۇ . يەنە مەن بايا ئىسسىپ كېتىپ ، بېشىمنى سوغۇق سۇدا بىر چايقىۋەتكەن ، شۇڭا مۇشۇنداق ھۆل . ھەرقانچە تەرلىسەممۇ ، مۇنچىۋالا ھۆل بولماس. توپ ئىزىغا كەلسەك ، سەن ئېنىق قارىماپسەن ، بۇ پۇتبولنىڭ ئىزى، مەن ئادەتتە ۋاسكىتبول ئوينايمەن. بايا قايتىۋاتقۇچە مەيداندا پۇتبۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ توپى تېگىپ كەتكەن. ئەمما توپ راستلا سۇغا چۈشۈپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىكەن . مۇشۇ بىر نۇقتىنىلا توغرا دېدىڭ .
_ لېكىن ، توپ ئوينىغانلىقىڭنى توغرا تاپقاندىمەن ،_ دېدى ئۇ گېپىمگە قارشى چىقىپ .
_ سەن تاپمىدىڭ ، ئەمەلىيەتتە ئويناۋاتقانلىقىمنى كۆردۈڭ .
_ سەن بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭ ؟ _ دېدى ئۇ ھەيران بولۇپ ،_ ئۇ چاغدا مەن ......
_ سىنىپ مۇدىرىمىز ساۋۇت مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدا ئىدىڭ ، شۇنداقمۇ ؟
_ توغرا ، ئەمما سەن بۇنى قانداق بىلدىڭ ؟ ھەتتا كىمنىڭ ئىشخانىسىدا ئىكەنلىكىمنىمۇ ... ، سەن مېنىڭ ئىشخانىغا چىقىپ كېتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپتىكەنسەندە ؟
_ ياق ، سېنىڭ ئۇ يەرگە چىققىنىڭنى ھازىر بىلدىم .
_ قانداق قىلىپ ؟ تىزراق دېسەڭچۇ ؟
_ قولۇڭغا قاراپ بىلدىم . ئوڭ قولۇڭنىڭ بارماقلىرىغا قىزىل رەڭ يۇقۇپ قاپتۇ . ئۇزاق خەت يازغانلىقتىن ، ئوڭ قولۇڭنىڭ بارمىقى قەلەم تۇتۇپ بېسىلىپ ئىز قاپتۇ . قارا ، تېخى ئەسلىگە كەلمەپتۇ . خېلى جىق خەت يېزىپسەن . ئادەتتە تاپشۇرۇق ئىشلەشكىمۇ ئىرىنىدىغان ئادەم قانداقسىگە بۇنداق جىق خەت يازغانسەن ؟ ، يەنە كېلىپ قىزىل رەڭدە . دېمەك ، سەن ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ، مۇئەللىمنىڭ قېشىغا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشۈپ ، نومۇر خاتىرلىگىلى چىققان .
_ ساۋۇت مۇئەللىمنىڭكىگە چىققىنىمنى قانداق بىلدىڭ ؟
_ پەقەت ساۋۇت مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن ۋاسكىتبول مەيدانى كۆرىنىدۇ . سەن دەل شۇ يەردىن مېنى كۆرگەن. شۇڭا ئىنتايىن ئىشەنچىلىك ھالدا مېنى توپ ئويناپسەن دېيەلىدىڭ .
_ توپتوغرا ، دائىم مۇشۇنداق خۇددى كۆرۈپ تۇرغاندەكلا توغرا تاپىسەن جۇمۇ سەن ، _ دېدى ئۇ خۇرسىنىپ قويۇپ ،_ قانداق قىلسام سەندەك توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولارمەن ؟
_ بۇنىڭغا كۆپ مەشق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ... ھەراست ، تەكشۈرگىنىڭ ئۈلۈشكۈن ئالغان سىناق ئىنتىھان قەغىزىمىكەن ؟
_ ھەئە ، سېنىڭ نۇمۇرۇڭ يەنىلا مەندىن قالسا ئەڭ يۇقىرى .
_ مەنمۇ قاچان ماتىماتىكىدا سەندىن ئۆتۈپ كېتەرمەن ؟ _ دەپ قويدۇم مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە يارىشا. ئۇ بۇنى ئاڭلاپ مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈۋەتتى .
_ بۇنىڭغا كۆپ مەشق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، _ دېدى ئۇ گېپىمنى قايتۇرۇپ بېرىپ .
ئىككىلىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق . بىز توختاپ يولنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈۋالدۇق ، چىملىقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ پىيادە يولىغا چىقىۋالغاندىن كېيىن ، ئابدۇقەييۇم :
_ پەرھات ، ساڭا بىر خوش خەۋەر ئېيتاي ، _ دېدى.
_ نېمە خوش خەۋەر ئۇ ؟
_ ئالدىمىزدىكى 1- ماي بايرىمىدا مۇئەللىم بىزنى بىرشەھەر سىرتىغا ئوينىغىلى ئەپچىقىدىكەن .
_ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە چىقىمىز دەۋاتاتتىغۇ ؟
_ ئۇنىڭدىن ئاڭلىسام ، مۇشۇ بايرامدا شۇنداق بىر پۇرسەت بولۇپ قاپتۇدەك .
_ ئەمىسە ئۆگۈنلۈككە ئىكەنغۇ ؟ قانچە پۇل يىغىشارمىز يەنە ؟ _ دېدىم غەم قىلىپ . چۈنكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى بولغاچ ، چىقىم بەك كۆپ بولىۋاتاتتى .
_ مۇئەللىم سىنىپتىكى ھەممەيلەننى ئېلىپ چىقمايدىكەن . مەن سىنىپ باشلىقى بولغاچقا ، پەقەت ماڭا دېدى . پۇل يىغىشنىڭ گېپىنى قىلمىدى، يا ئەتە دەرمىكىن.
_ مۇنداق دە ، بۇ ئوغرى يەنە ئوساللىقىنى قىپتۇدە، باشقىلارنى ئايرىپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ چىقىدىغانلار ئارىسىدا چوقۇم مەن يوق . ئۇنىڭ بىلەن كىلىشەلمەيدىغانلىقىمنى سەنمۇ بىلىسەن .
_ ئۇ ماڭا چىقىدىغانلارنى سەن بەلگىلە ، 10 ئادەمدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دېدى . ماڭىمۇ بەلگىلەش تەس بولىۋاتىدۇ .
_ ئەمىسە، مەن چىقمايمىكىن .
_ نېمىشقا ؟
_ تازا چىققۇم كەلمەيۋاتىدۇ . بايرامنى ئۆيدە كىتاب ئوقۇپ ، تېلېۋىزور كۆرۈپ ئۆتكۈزەيمىكىن .
_ ۋاي ، كىتابتىن نېمە چىقاتتى ؟ چىقىپ مۇنداق بىر ئويناپ ، كاللاڭنى دەم ئالدۇرۇپ كەلمەمسەن .
_ چىقاي دېسەم ، ئاشۇ ئوغرىمۇ باركەن... باشقا ئادەم بولغان بولسا ئويلىنىپ باقاتتىم .
_ ئۇ بولسا بولىۋەرمەمدۇ ؟ كارىڭ نېمە ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلساق بولمىدىمۇ ؟
_ يەنىلا چىقمىغىنىم ياخشىكەن .
_ بىرەيلەننىڭ چىقىدىغىننى دېسەم چىقماي قالمايسەن .
_ كىم ئۇ ؟ ھەجەپ كېسىپ ئېيتىۋەتتىڭغۇ ؟
_ رەنا ، _ دېدى ئۇ ھەييارلىق بىلەن كۈلۈپ ،_ ئەمدىغۇ جان دەپ چىقارسەن ؟
_ بۇ نېمە دېگىنىڭ ؟_ تۇيۇقسىز قىزىرىپ كەتتىم ،_ ئۇ چىقسا مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى بار ؟ قىززىق گەپ قىلىدىكەنسەن .
_ بولدى ، بولدى ،_ دېدى ئۇ مۈرەمگە شاپىلاقلاپ ، _ خېجىل بولمىساڭمۇ بولىدۇ . بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇت جۇمۇ !
_چىك ، ئا ...! ؟ _ دېدىم مەن تە بولۇپ ،_ بولدى قىلە ! دائىم ئادەمنى مۇشۇنداق تىرىكتۈرىدىكەنسەن .
_ ماقۇل ، ئەمىسە ، قالغان گەپنى ئەتە دېيىشەيلى ،_ دېدى ئابدۇقەييۇم قەدىمىنى توختىتىپ ،_ مەن مۇشۇ يەردىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قايتاي . سەنمۇ ئۆيۈڭگە كېلىپ قالدىڭ .
_ ئۆيگە كىرىپ قايتمامسەن ؟
_ بولدى ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى . باشقا كۈنى كىرەي .
ئاڭغىچە ئاپتۇبۇس كەلدى. ئۇ ئاپتۇبوسقا بىر سەكرەپلا چىقىۋالدى ، ۋە ماڭا قاراپ :
_ ئىشقىلىپ سەن يەنە ئوبدانراق ئويلىنىپ باققىن ، خوش .
_ خوش .
ئاپتۇبوس مېڭىپ كەتتى . مەن ئاستا ئۆيگە ماڭدىم . كاللامدا بايامقى سۆھبەت . بۇ قېتىمقى ساياھەت تەسەۋۋۇرۇمدا كىنودەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى . << ئەنە گۈل –گىياھ ، دەل – دەرەخلەر . يەنە تىنىچ دەريا بويى ، _ ئۆزۈم كۆرۈپ باققان مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ، بىز چىقماقچى بولغان يەرنى قىياس قىلاتتىم ، _ رەنا بىلەن بىللە ئېگىزدە تۇرۇپ ، پەستىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىش نېمىدېگەن ياخشى ئىش ھە ! >>
_ ۋايجان ، ۋاي، ۋاي ، ۋاي..._ بىريەرگە قاتتىق ئۈسسۈپ سالغانلىقتىن بېشىم ئاغرىپ كەتتى . تەسەۋۋۇرۇمدىكى كىنو ، رىئاللىقتىكى كۆرۈنۈشلەرنى توسۇۋالغاچقا ، بىنا كارىدورىنىڭ ئىشىكىنىڭ يېپىلىپ قالغان بىر قانىتىغا ئۈسسىۋاپتىمەن . ئاچچىقىمدا ئىشىكنى بىر مۇش قويۇۋېدىم ، قولۇممۇ بەك ئاغرىپ كەتتى .
_ ۋاي ..ۋاي ،_ مەن ۋايۋايلاپ كەتتىم . بىرەرسى كۆرۈپ قالمىغاندۇ دەپ ئەتراپقا قارىدىم . ھېلىمۇ ياخشى ھىچىكىم يوقكەن . مەن ئىشىككە بىر ئالىيىپ قارىۋېتىپ كىرىپ كەتتىم .

没有评论:

ئىنكاس يېزىڭ