2009/02/05

تاغدىكى سىرلىق دېلو-2

مەن بىر رازۋېدكا ھېكايىسى مەستانىسى. بۇمېنىڭ تۇنجى رازۋېدكا ھېكايەم . تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ! خالىغانچە كۆچۈرمەڭ ! ئ

تاغدىكى سىرلىق دېلو
ئاپتورى: بۇغرا ئەنۋەر
رازۋېتكا ھېكايىسى

2

بۈگۈن 1 –ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى . پۈتۈن خىزمەتچىلار يەتتە كۈن دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلدى. بىز ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاچقا ئۈچ كۈنلا قويۇپ بەردى . بۈگۈن ھېلىقى دېيىشىپ قويغان بويىچە يولغا چىقىدىغان كۈن ئىدى . مەن سومكامغا يولدا يەيدىغان نەرسىلەردىن باشقا ، يەنە بىر نەچچە پەننىي كىتاب ، بىر پارچە رازۋېتكا ھېكايىلەر توپلىمى ، ئەۋرىشكە يىغىدىغان قۇتا، بىر نەچچە سۇلياۋ خالتا ، لوپا ئەينەك ، قولچىراق ، كېچىك قىسقۇچ دېگەندەك ئېسىمگە كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالدىم . چۈنكى مەن بىئولوگىيەگىمۇ بەك قىزىقاتتىم . مۇشۇ ۋاقىتقىچە خېلى كۆپ ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغقان ئىدىم . سائەتكە قارىسام 9 غا 15 مېنۇت قاپتۇ . مەن سومكامنى ئېسىۋالدىم .
_ دادا، ئاپا . ئەمىسە مەن ماڭدىم ، _ دېدىم مەن .
_ قاچان قايتىپ كېلىسەن ؟_ سورىدى دادام .
_ ئېنىق ئەمەس ، بىر – ئىككى قونۇشىمىز مۇمكىن. بىز بارىدىغان يەرنى بەك يىراق بىر چەت جاي دەيدۇ . ئادەممۇ تۈزۈك يوقمىش . ئىشقىلىپ قەيەر بولسۇن 3 كۈن ئىچىدە قايتىپ كەپ بولىمىز . خاتىرجەم بولۇڭ دادا، بىزنى مۇئەللىم بىللە ئاپىرىدۇ .
_ ھە ،بوپتۇ ،_ دېدى دادام ۋە يانچۇقىدىن پۇل ئالدى _ مە ، بۇنى يېنىڭغا سېلىۋال ، لازىم بولۇپ قالىدۇ.
مەن پۇلنى ئېلىپ يانچۇقۇمغا سالدىم .
_ خوش، خۇداغا ئامانەت_ دېدىم ئىشىكتىن چىقىپ كېتىپ بېرىپ .
_ خۇداغا ئامانەت .
سائەت 9 دا مەكتەپ ئالدىدا يىغىلماقچى بولغان ئىدۇق . مەن دەل ۋاقتىدا يېتىپ باردىم . قارىسام مۇئەللىم بىر نەچچە كىشى بىلەن بىر ئارابۇس يېنىدا پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ . بېرىپ ھەممەيلەن بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشتۈم . مۇئەللىم ماڭا ئابتۇبۇسقا چىقىشىمنى ئېيتتى . ئاپتوبۇسقا چىقىپ قارىسام ، ھەممە ساۋاقداشلىرىم كېلىپ بوپتۇ ، ئۇلار دەرس دېسە ۋاقتىدا كەلمىگىنى بىلەن ، ئويۇن دېسە ھەممىسى مۇشۇنداق بالدۇر كېلىدىكەن . ئوغۇللاردىن ئابدۇقەييۇم ، جۈرئەت ، ئلىيار قاتارلىقلار بار ئىدى . قىزلاردىن رەنا ، گۈلمىرە، زۇلپىيەۋە تۇرسۇنئايلار بارئىدى . ئوغۇللار بىلەن بىر- بىرلەپ كۆرۈشىۋېتىپ ، ناتونۇش بىر بالىنى كۆرۈپ قالدىم . ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ قول تەڭلىۋىدىم ، ئۇ قولىنى ماڭا بەرمىدى . ئۇ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى . مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ ، ئابدۇقەييۇمىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.
_ ئۇ كىم ؟ _ دەپ سورىدىم مەن سومكامنى جايلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن .
_ بىلمەيمەن ،_ دېدى ئابدۇقەييۇم ،_ ئۇ ئاۋۇ مۇئەللىمنىڭ تونۇشلىرى بىلەن بىللە كەلگەن. بايىدىن بېرى مۇشۇنداق گەپ قىلماي ، ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم يوقتەك ئولتۇردى . غەلىتە بىر ئاداشكەن .
_ ئەمىسە ئاۋۇ پەستە تۇرغانلار كىملەركەن ؟_ دەپ سورىدىم مەن ماشىنا يېنىدا پاراڭلىشىپ تۇرغانلارنى كۆرسىتىپ .
ئابدۇقەييۇم ئېغىز ئاچقۇچە ، ئالدىمىزدىكى رەتتە ئولتۇرغان جۈرئەت گەپكە قوشۇق سالدى :
_ مۇئەللىمىنىڭ دوستلىرى ئىكەن ، بۇ قېتىمقى ساياھەتنى ئاشۇلار ئۇيۇشتۇرغان ئوخشايدۇ .
_ تېخى ياخشى ئەمەسمۇ ،_ دېدى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىليار ،_ شۇلار ئۇيۇشتۇرغاندىكىن شۇلار پۇل چىقىرىدۇ دېگەن گەپ .
_ بەلكىم شۇنداقتۇ ، _ دېدى جۈرئەت ،_ بىزدىن يا پۇل يىغمىدى،مۇئەللىمدىن سورىساقمۇ ئېنىق بىر نېمە دېمىدى. ياكى سىنىپنىڭ پۇلىنى ئىشلىتەمدۇ تېخى.
_ سىنىپنىڭ پۇلى ھېچنىمىگە يەتمەيدۇ ،_ دېدى رەنا ، ئۇ گېپىمىزنى ئاڭلاپ ، قېشىمىزغا كەلگەن ئىدى، _ بۇ مەۋسۈمدە بەك جىق چىقىم بولۇپ كەتتى .
سىنىپنىڭ << مالىيە >> سىنى رەنا باشقۇراتتى . ئۇ بۇنداق ئىشلارغا چىۋەر ، چاققان ئىدى .
_ چىقىم دېدىڭىزما ؟ _ دېدى ئابدۇقەييۇم چاقچاقنى باشلاپ ، _ شەخسي چىقىم ئەمەستۇ ؟
_ ھە ،راست ، ماۋۇ ئايىقىڭىزنى شۇ پۇلغا ئالمىغانسىز ؟ _ دېدى جۈرئەتمۇ چاقچاق قىلىپ .
_ ئۇنداق دېمەڭلار ،_ دېدىم مەن ئۆزۈمنى باسالماي ،_ رەنا ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ .
_ ۋوي ، ۋوي ! _ ھەر ئىككىسى توۋلىشىپ كەتتى ،_ گەپ مۇنداقمۇ يە ؟ _ ئىككىسىنىڭ ماسلىشىپ تۇرۇپ مېنى تېرىكتۈرىشى يەنە باشلاندى ،_ ئىككىڭلاردا بىر گەپ بارمۇ نېمە ؟
_ نېمە گەپ باركەن ؟ _ دېدىم مەن قىزىرىپ. مەن چاقچاقلىقىنى بىلمەي بۇ گەپكە ئارىلىشىپ قالغىنىمغا پۇشايمان قىلغان ئىدىم . ئەمدى بۇلار خېلىغىچە مېنى تىرىكتۈرەتتى .
_ ئىككىڭلار شېرىك ئوخشىمامسىلەر؟_ دېدى ئابدۇقەييۇم.
_ پەرھاتنىڭ ماۋۇ چاپىنىنى ھەجەپ بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن ، يېڭى ئالدىڭما ؟_ دېدى جۈرئەت ،_ سىنىپنىڭ پۇلىنى مۇشۇ ئىككىڭلار خەجلەپ بوپسىلەردە .
_ بولدى قىلە ،_ دېدىم مەن تىرىكىپ .
_ ھەئە ، بىز تازا خەجلىدۇق . قانداق ؟ _ دېدى رەنا ، _ ئىچىڭلار قايناپ كەتتىمۇ ؟
_ ياقەي ، ئىككى ئادەم خەجلىگەن بولسا ، بۇ يەنىلا ئومۇمنىڭ چىقىمى بولىدۇ دە ھە ! پەرھات ! _ دېدى ئابدۇقەييۇم .
ئاپتۇبۇستىكى ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى . ئۇلار كۈلگەچ مېنى نوقۇپ قوياتتى . مەن خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتتىم . بۇلار دائىم مۇشۇنداق رەنا ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزگە چاپلاپ چاقچاق قىلاتتى . مەن بولسام مۇنداق چاقچاق ئالدىدا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم . ئەمما رەنا مىجەزى ئوچۇق ،خۇشچاقچاق قىز بولغاچ مۇنداق چاقچاقلارغا پەرۋا قىلمايتتى . مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي باشقا تەرەپكە قارىۋالدىم، بۇ چاغدا بايىقى ماڭا قولىنى بەرمىگەن ئاداشقا كۆزۈم چۈشتى. ئۇ خۇددى ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ، ئۈنسىز ئولتۇراتتى . << راستلا غەيرى ئاداشكەن بۇ >> دېدىم ئىچىمدە.
_ ھەجەپ كۈلۈپ كەتتىڭلارغۇ ؟_ 27 - 28 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئاچا دىمەتلىك بىر ياش قىز ئاپتۇبۇسقا چىقتى ،_ يۇمۇر ئېيتىشىۋاتامسىلەر ؟ مەنمۇ ئاڭلايچۇ ، مەنمۇ يۇمۇرغا بەك ئامراق .
ئۇ بېرىپ ھېلىقى غەلىتە ئاداشنىڭ قېشىدا بىز تەرەپكە بۇرۇلۇپ قاراپ ئولتۇردى. ئۇ چىققاندىن كېيىن ، ھەممىمىز جىمىپ قالدۇق .
_ ياق ، يۇمۇر ئېيتمىدۇق ، _ دېدى ئابدۇقەييۇم ،_ سىز مۇئەللىمنىڭ دوستى بولامسىز ؟
_ ياق ، ئۇنىڭ دوستىنىڭ دوستى بولىمەن ،_ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ .
قارىغاندا ئۇ بەك ئوچۇق مىجەزلىك قىز ئىدى. باشقا چوڭلارمۇ بىر –بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى . ئۇلار شوپۇرنى قوشقاندا ئالتە ئەر ، ئۈچ ئايال ، جەمئىي توققۇز ئادەم چىقتى . ماۋۇ ئوچۇق مىجەزلىك قىزنى قوشقاندا ، چوڭلار دەل ئون كىشى ئىدى . شوپۇر ئەڭ ئاخىرىدا چىقىپ ماشىنىنى قوزغىدى .
_ ئاچا ، سىزنى نېمە دەپ چاقىرساق بولىدۇ ؟_ دەپ سورىدىم مەن .
_ ئىسمىم دىلنار،_ دېدى ئۇ كۈلۈپ ،_ سىزنىڭچۇ ؟
_ پەرھات ،_ دېدىم مەن ئۇنىڭغا ،_ يېنىڭىزدا ئولتۇرغىنى سىزنىڭ ئىنىڭىزمۇ ؟
_ ياق ، ئۇ ئاۋۇ شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئىنىسى ،_ ئۇ بېشىنى ئالدىغىراق قىلىپ ، ئاۋازىنى پەسلەتتى . ئاڭلاپ تۇرغانلىرىمىزمۇ بېشىمىز يېقىن ئەكەلدۇق .
_، مەن بىر پىسخولوگىيە دوختۇرى ،_ دېدى ئۇ گېپىنى داۋام قىلىپ ،_ بۇ بالا مېنىڭ بىمارىم . بۇ قېتىمقى ساياھەتنى مۇشۇ بالىنىڭ ئاكىسى ئورۇنلاشتۇرغان . تەڭتۇش بالىلار بولسا ، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا پايدىلىق ، شۇڭا سىلەرنىمۇ بىللە ئېلىۋىلىشنى مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.
_ مۇنداق دەڭ ، _ دېدى ئابدۇقەييۇم ،_ << بۇغداينىڭ بانىسىدا قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ >> دېگەندەك ئىش بوپتۇدە بىزگە . بۇ ساياھەت ئەسلى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەندە.
_ ئەمىسە ئۇنىڭ ئائىلىسى بەك باي ئوخشىمامدۇ ؟_ دەپ سورىدىم مەن .
_ شۇنداق ، ئۇنىڭ ئاكىسى چوڭ سودىگەر ،_ دېدى دىلنار ھەدە ،_ ئۇ بۇ ئىنىسىگە بەك ئامراقكەن . ئۇنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى .
_ بۇ بالا زادى نېمە بوپتۇ ؟_ دەپ سورىدىم مەن .
_ ئۇ جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان .
_ جىمغۇرلۇق كېسىلى ؟ _ دېدى جۈرئەت چۈشەنمەي .
_ بۇ بىر پىسخىكىلىق كېسەل ، _ دېدىم مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ _ بۇنداق كېسەل بولغانلار ، باشقىلار بىلەن ئەركىن پاراڭلىشالمايدۇ ، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ . تۇرۇپ ئانچە _ مۇنچە گەپمۇ قىلىپ قالىدۇ . لېكىن كۆپىنچە ھالدا ھىچكىم يوقتەك ئۆز دۇنياسىدا ياشايدۇ .
_ ھە ، ئاجايىپ كېسەلكەن،_ دېدى رەنا ئويلانغان ھالدا.
_ بۇ ئىنىم ھەجەپ ئېنىق بىلىدىكەنغۇ ،_ دېدى دىلنار ھەدە ،_ بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى دەل سىز دېگەندەك بولىدۇ . كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلەلىسەك داۋالاشقا چوڭ ياردىمى بولاتتى . .
_ سىز بىلدىڭىزمۇ ؟_ دېدىم مەن .
_ ياق ، بىلگەن بولسام بۇ قېتىمقى ساياھەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھاجەتسىز ئىدى . .
_ ئەمىسە ئاۋۇ دوختۇر نېمىگە كەلدى ؟ _ دېدىم مەن ئالدى تەرەپتە ئولتۇرغان كىشىنى كۆرسىتىپ ،_ ئۇمۇ بۇ بالىنى داۋالاشقا مەسئۇلمۇ ؟
_، ياق، ئۇ مۇشۇ بالىنىڭ ئاكىسىنىڭ يېقىن دوستى ، سىز ئۇنى تونۇمسىز ؟_ دەپ سورىدى دىلنار ھەدە .
_ ياق ، تونۇمايمەن ،_ دېدىم مەن جاۋابەن .
_ ئەمىسە ئۇنىڭ دوختۇرلىقىنى نەدىن بىلدىڭىز ؟ _ دېدى ئۇ ھەيران بولۇپ .
_ ئۇنىڭ قولىغا قاراپچۇ ، بايا مەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ قولىغا دىققەت قىلغان ئىدىم ،_ دېدىم مەن ئۇنىڭ ھەيران قالغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ ،_ ئۇ دوختۇر بولغاچقا دائىم ئوپىراتسىيەگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. ئوپراتسىيە يىپى ئىنتايىن ئىنچىكە ھەم پۇختا يىپ بولۇپ ، تىككەن چاغدا قولنىڭ ئىككى بېگىز بارمىقىنىڭ ئۇچىدا ئاسانلا ئىز قېپقالىدۇ . ئەمما بۇ توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ قولىدىكىدەك ئېنىق بولمايدۇ . قارىسام، ئۇ تېخى كېچىچىلا بىر ئوپراتسىيەگە قاتنىشىپتۇ . بىر كېچە ئۇخلىمىغانلىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدۇ ، قاراڭلار ، ھازىر ئۇخلاپ قاپتۇ .
_ ۋۇي ، بۇ ئىنىم بەك يامانكەنغۇ ،_ دېدى دىلنار ھەدە ھەيران قىلىپ .
_ ئۇ دېگەن بىر رازۋېتكا مەستانىسى ، _ دېدى ئابدۇقەييۇم چۈشەندۈرۈپ ، _ سىز شېرلوك ھولمېسنى بىلمەمسىز ؟ ئۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ، بۇنچىلىك ئىش ئۇنىڭغا ھىچ گەپ ئەمەس .
_ بەك ئاشۇرىۋەتتىڭ ،_ دېدىم مەن ،_ مېنى شېرلوك ھولمىس بىلەن سىلىشتۇرۇش خۇددى جىن چىراقنى ئاي بىلەن سىلىشتۇرغاندەك ئىش بولدى. ئۇ دېگەن دۇنيادىكى ئەڭ قابىل رازۋېتچىك .
_ لېكىن سىزمۇ راستلا بەك ئاقىللىق ، _ دېدى رەنامۇ . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان قايىللىق چىقىپ تۇراتتى . بۇنى كۆرۈپ چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولۇپ كەتتىم .
_ باشقىلارنىڭمۇ نېمە ئىش قىلىدىغىنىنى دەپ بېقىڭە ،_ دېدى دىلنار ھەدە .
ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسى سۆھبىتىمىزگە قىزىقىپ قالغان ئىدى . ھەممىسىنىڭ دىققىتى ماڭا بۇرالدى .
_ ئاۋۇ ئالدىدا ئولتۇرغان ، كۆزەينەك تاقىۋالغان ئاكىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ، تېپىپ بېقىڭا ،_ دېدى دىلنار ھەدە . ئۇ ماڭا بەكلا قىزىقىپ قالغاندەك تۇراتتى . ئەمما مەن شۇ تاپتا خىجىللىقتا قالغان ئىدىم . ھەممىسى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى . ئۇ كۆزەينەكلىك ئادەممۇ قىزىقىپ قاراپ تۇراتتى .
_ ئۇ بىر كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن ،_ دېدىم مەن .
_ قانداق بىلىۋالدىڭ ؟ _ دەپ سورىدى ئۇ كۆزەينەكلىك ئادەم ھەيران قېلىپ ،_ تېخى سېنى پو ئېتىۋاتىدۇ دەپتىمەن .
_ يەنىلا شۇ قولىڭىزدىن ، قاراڭ ، ئوڭ قولىڭىزنىڭ بىغىشىنىڭ ئىچ ئوڭ تەرىپىدە بىر قاپارتقۇ تۇرىدۇ . بۇ ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر مائۇسى ئىشلەتكەنلەردە بولىدىغان قاپارتقۇ. بۇنىڭدىن سىزنىڭ كومپيۇتېر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىڭىزنى بىلدىم .
_ ئەمىسە ئوقۇتقۇچىلىقىمنىچۇ ؟
_ بۇ ئازراق دادىللىق بىلەن قىلىنغان پەرەز ، _ دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ . لېكىن دېسەم بولارمۇ ، بولماسمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم .
_ قانداق پەرەز قىلدىڭ ؟ _ دېدى ئۇ كۆزەينەكلىك ئادەم .
_ تىزراق دېسەڭچۇ ؟_ دېدى ئابدۇقەييۇممۇ . ھەممىسى قىزىقسىنىپ قاراپ تۇراتتى .
_ بايا مەن سىز بىلەن كۆرۈشكەندە ، سىزدە ئوقۇتقۇچىلارغا خاس بىر خىل كۆرەڭلىك ۋە ئوقۇغۇچىنى مەنسىتمەسلىك ئىپادىلىرىنى سەزگەن ئىدىم ،_ دېدىم مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ .
_ نېمە ؟ _ دېدى ئۇ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ ،_ مەن نەدە ئۇنداق ؟
_ دەل تاپتىڭ ، _ دېدى بايىدىن بىرى ئاڭلاپ تۇرغان ساۋۇت مۇئەللىم ۋە قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى . باشقا چوڭلارمۇ كۈلۈپ كەتتى .
_ دەل تاپتى ، بۇ ئۇكىمىز پالچىلارغا ئوخشايدىكەن، _ دېدى شوپۇر ئۇستام .
مۇشۇ تەرىقىدە ئۇلار مېنى بىردەم ئۇلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى تاپقۇزدى . ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نېمە قىلىدىغىنى دەپ بەردىم ، پەقەت ، كېيىنرەك ئاپتۇبۇسقا چىققان ھەدىمىز ، دوختۇر ئاكىمىزنىڭ سىڭلىسى ئىكەن ،پەقەت شۇنى تاپالمىدىم . شۇ ئارىدا چوڭلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق . دىلنار ھەدە چەتئەلدە مەخسۇس پىسخولوگىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ئىكەن . ھازىر ئۇ شەھەرلىك پىسخولوگىيەدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنىدا ئىشلەيدىكەن . ساياھەتنى ئورۇنلاشتۇرغان سودىگەرنىڭ ئىسمى ئەسقەر ئىكەن. بۇرۇن تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىپتىكەن . ھازىر نېمە سودا ئاقسا شۇنى قىلىۋىتىپتۇ. ھېلىقى كېسەل ئىنىسىنىڭ ئىسمى غېنى ئىكەن . شۇ ئىنىسى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق ساياھەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ . لېكىن ئۇ ئىنىسىنىڭ قاچان ئۇنداق بولۇپ قالغىنىنى دېمىدى . ئۇ ساۋۇت مۇئەللىمنىڭ ساۋاقدېشى ئىكەن . ھېلىقى دوختۇرنىڭ ئىسمى نادىر ئىكەن . خېلى داڭقى بار ۋىراچ ئىكەن . ئۇ ئەسقەر ئاكىنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ ، سىڭلىسىنىمۇ كۆڭلى ئېچىلىپ قالسۇن دەپ ئېلىۋاپتۇ . سىڭلىسىنىڭ ئىسمى نۇربىيە بولۇپ ، سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن . مەن ئۇنىڭ ئەسقەر ئاكىغا باشقىچە قارايدىغانلىقىنى سېزىپ قالدىم . ئەمما ئەسقەر ئاكا بولسا دىلنار ھەدىگە بەكرەك قارايتتى، ئۇنىڭغا كۆپرەك گەپ قىلاتتى ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى بېرىلىپ تۇرۇپ ئاڭلايتتى . شۇڭا نۇربىيە ھەدە دىلنار ھەدىگە ھەسەت بىلەن بىرنەچچە قېتىم قاراپ قويدى. بۇنى دىققەت قىلغان ئادەمنىڭ ھەممىسى سېزىۋالالايتتى . قالغان ئىككى ھەدىمىزنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى نۇسرەت ، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى خۇرشىدە ئىكەن . ئۇلارمۇ ئەسقەر ئاكىنىڭ ئالي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى بولۇپ ، ئىككىسىلا چىرايلىق ھەم مۇلايىم ئىكەن . ھېلىقى كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمى ئەخمەتجان ئىكەن . ئۇنى ھەممىسى ئاشۇنداق <<جان>> نى قوشۇپ چاقىرىدىكەن . ئۇ ئانچە گەپكە ئارىلاشماي ئولتۇردى. شوپۇر ئۇستامنىڭ ئىسمى ئۆمەر ئىكەن . يەنە بىر ئادەم تېخىمۇ غەلىتە ئىكەن . ئۇ پەقەت ئىسمىنىڭ مۇرات ئىكەنلىنىلا ئېيتىپ باشقا گەپ قىلمىدى. چىرايىنىمۇ ئاچمىدى . « بۇ ماشىنىغا ساپلا غەلىتە ئادەملەر چىقتىمۇ نېمە ؟ » دەپ ئويلىدىم ئېچىمدە . كېيىن ئۇلار بىردەم تېپىشماق تېپىش ئوينايلى ، دېيىشتى. تېپىشماق تېپىشتا مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈدىغىنى يوق ئىدى. مەن ئېيتقان تېپىشماقنى بولسا ھىچكىم تاپالمىدى . شۇنداق پاراڭ _ چاقچاقلار بىلەن خېلى ئۇزۇن ماڭدۇق ،چۈش ۋاقتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھەممىسى ھېرىپ مۈگىدەپ قېلىشقا باشلىدى . مەن ھېلىقى بالىغا قارىدىم . ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتى . ھەتتا ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ يەردە ھىچكىم يوقتەك قىلاتتى.

没有评论:

ئىنكاس يېزىڭ