2008/12/30

كەڭ گىرادۇسلۇق كۆزەينەك

بۇ خىل كۆزەينەكنى تاقىغاندا ، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىن ئارقىغا 25 گىرادۇس رايوننى ئارتۇق كۆرگىلى بولىدۇ ، بۇكۆزەينەكنى تاقاپ
ۋېلسىپىت ھەيدىگەندە ئارقىغا قاراش ھاجەتسىز.
شىركىتى ئۈچۈن لايىھەلىگەن Nike ، Billy May بۇنى








تولۇق ئوقۇش

2008/12/21

غەلىتە كۇب >> نى يېشىش ئۇسۇلى >>

سىز<< غەلىتە كۇب >> نى ئويناپ باققانمۇ ؟ ئۇنىڭ 6 يېقىدىكى ئوخشىاش رەڭلەرنى بىر يەرگە ئەكەلسىڭىز ئويۇندا ئۇتقان بولىسىز . مەن ئادەتتە بىر يېقىدىكى رەڭلەرنى كەلتۈرۈپ باققان . بىرقېتىم تاساددىپى ئىككى يېقىنى كەلتۈرگەن .ئۇنداقتا 6 يېقىنى قانداق كەلتۈرىدۇ ، تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈپ بېقىڭ



تولۇق ئوقۇش

2008/12/19

كارتون سىزىش دەرسلىكى -1

تولۇق ئوقۇش

2008/12/17

داڭلىق رازۋېتچىك كونان (ئۇيغۇرچە خەتلىك )9 - تىياتىر نۇسخىسى

بەزى تورداشلارغا بۇ كارتون فىلىم تونۇش بولماسلىقى مۇمكىن ، بۇ ياپونىينىڭ رازۋېتچىكلىق ھەققىدىكى كۆپ قىسىملىق چاتما كارتون فىلىمى. كارتون فىلىملەرنىڭ تىياتىر نۇسخىسى ئادەتتە كىنوخانىلاردا قويۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان بولۇپ ، ئاساسىي ھېكايە مەزمۇننى ئاساس قىلىدۇ ، لېكىن ئۆزى مۇستەقىل بىر مەزمۇن بولىدۇ . شۇڭا بۇرۇن بۇ كارتوننىڭ بېشىنى كۆرۈپ باقمىغانلار ئوخشاشلار بۇ تىياتىر نۇسخىنى كۆرسە بولىۋېرىدۇ .
ئەگەر ئېنىق نۇسخىسىنى كۆرەي دېسىڭىز بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ :
چۈشۈرۈش
چۈشۈرۈش كودى
6beb63c9

تولۇق ئوقۇش

تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشىدىكى مەزمۇنلار


تۇنيۇقۇق -  كۆك تۈرك
خانلىقىنىڭ خاقانلىرى  ئىلتەرىش خاقان (682-691 - يىللار)  قاپاغان خاقان (716 -
يىل) ۋە بىلگە خاقان (734 – يىلى ۋاپات بولغان) قاتارلىقلارغا باش مەسلىھەتچى
بولغان ھەمدە يۇقۇرىكى خاقانلارنىڭ خانلىق ھۆكۈمرانلىق تىكلىشىگە ناھايىتى زور
تۆھپىلەرنى قوشقان .



تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تېكىستى
تۇنيۇقۇق ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى
تۇنيۇقۇقنىڭ ئۆزىگە دائىر ۋەقەلەر بايان قىلىنغان . بۇنى تۇنيۇقۇقنىڭ تەرجىمىھالى
دىيىشكە بولىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاش تېكىستىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ئىخچام ، چۈشىنىشلىك ۋە
مەزمۇنلۇق بولۇپ، تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى  ئۆگىنىشىكە ئەرزىيدۇ .



  تېكىستتە ئۇچرىغان
"......" چىكىتلەر  مەڭگۈ تاشتا ئۇپراپ بۇزۇلغان جايلار ،  (ئېلىنغان سۆزلەر
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار قوشۇپ قويغان سۆزلەر . * بەلگىسى
قويۇلغان سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتى ئاخىرىدا .




تولۇق تېكىستى



بىلگە* تونيۇقۇق مەن ئۆزۈم
تابغاچ* ئېلىدە ئۆستۈم .  ( ئۇ زامانلاردا )  تۈرك خەلقى تابغاچقا قارايتتى .  تۈرك
خەلقىنىڭ خانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تابغاچتىن ئايرىلدى ۋە (ئۆزلىرىگە) خان تىكلىدى .
( كېيىن ) خاقاننى تاشلاپ  يەنە تابغاچقا تەۋە بولۇپ قالدى . تەڭرى مۇنداق دېگەن
ئىكەن : سىلەرگە خان بەردىم ، خانىڭلارنى تاشلاپ  ، تابغاچغا يەنە تەۋە
بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن تەڭرى سىلەرگە ئۆلۈم بەردى .  ( شۇڭا ) تۈرك خەلقى ئۆلدى ،
ھالاك بولدى ، يوقالدى . تۈرك سىر* خەلقى يېرىدە بوي ئادەم قالمىدى ، ئورمانلىق ۋە
تاغ – دالىلاردا قالغانلىرى يىغىلىپ يەتتە يۈز بولدى . بۇلارنىڭ ئىككى ئۈلۈشى
ئاتلىق ئىدى، بىر ئۈلۈشى پىيادە ئىدى . بۇ يەتتە يۈز كىشىنى باشلاپ يۈرگۈچى قوشۇن
ئۇلۇغى شاد* ئىدى . ئۇ ماڭا ( قوشۇنىمىزغا ) قوشۇلغىن ، دېدى . قوشۇلغان كىشى مەنكى
بىلگە تونيۇقۇق ئىدىم . مەن ئۇنى خاقان قىلاي دېدىم . مەن مۇنداق ئويلىدىم : ئورۇق
بۇقا بىلەن سېمىز بۇقا يىراقتا ئۈسۈشسە ، ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقىنى
ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ . مەن ئاشۇنداق ئويلىدىم . شۇندىن كېيىن تەڭرى ( ماڭا )
ئەقىل بەرگەنلىكى ئۈچۈن، مەن ( ئۇنى ) خاقان ( بولۇشقا دەۋەت) قىلدىم . بىلگە
تونيۇقۇق بويلاباغا تارقان  ئىلتەرىس قاغان بىلەن بىرلىكتە ، جەنۇپتا ...... شەرقتە
قىتانلار* ، شىمالدا ئوغۇزلاردىن كۆپ ئۆلتۈردۇق . بىلگەسى لەشكەر باشلىقى مەنلا
ئىدىم . بىز  چوغاي قوزى* ۋە قارا قۇمدا*  ئولتۇراقلاشقان ئىدۇق . كىيىك يەپ ،
توشقان يەپ كۈن كەچۈرەتتۇق . خەلقنىڭ قارنى توق ئىدى . دۈشمەنلىرىمىز ئەتراپىمىزدا
قۇشلاردەك كۆپ ئىدى . بىز جانسىز ھايۋاندەك ئىدۇق . شۇنداق ئولتۇرغىنىمىزدا ،
ئوغۇزلاردىن چارلىغۇچى كەلدى . چارلىغۇچىنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى : توققۇز ئوغۇز (
خەلقى ) ئۈستىدە خاقان ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇ تابغاچقا قۇنى سەنگۇنىنى ، قىتانغا
تۇڭرسەمنى ( ئەلچىلىككە ) ئەۋەتىپتۇ . ئۇلار مۇنداق سۆزنى ئېلىپ بېرىپتۇ : ئازغىنا
تۈرك خەلقى ھەركەتلىنىپ يۈرىۋېتىپتۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ئىكەن ، مەسلىھەتچىسى
دانىشمەن ئىكەن . ئۇ ئىككىسلا بولىدىكەن سەن تابغاچلارنى قىرىپ تاشلايدۇ، شەرقتە
قىتانلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ، بىز ئوغۇزلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ، تابغاچلار ، سىلەر
جەنۇپتىن تېگىڭلار ! قىتانلار ، سىلەر شەرقتىن تېگىڭلار ! مەن شىمالدىن تېگەي ! 
تۈرك سىز خەلقى يېرىگە خان يولاتمايلى ، مۇمكىن بولسا ، ئۇلارنى يوقىتايلى ! 
ئۇسۆزنى ئىشتىپ تۈنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى . ئاندىن كېيىن
خاقانىمدىن ئۆتۈندۈم : تابغاچ ، ئوغۇز ، قىتان بۇ ئۈچى بىرلىشىۋالسا ، بىز
تايانچىسىز قالىمىز ، ئىچكى – تاشقى جەھەتتىن دۈشمەنگە تۇتۇلىمىز . يۇققا نەرسىنى
ئېگىش ئاسان ، ئىنچىكە نەرسىنى سۇندۇرۇشمۇ ئوڭاي ؛ يۇققا قېلىن بولۇپ كەتسە ، ئۇنى
ئېگىش تەسكە چۈشىدۇ ، ئىنچىكە توم بولۇپ كەتسە ئۇنى سۇندۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ ؛ شەرقتە
قىتانلاردىن ، جەنۇپتا تابىغاچلاردىن ، غەربتە قۇرداندىن ، شىمالدا ئوغۇزلاردىن
بولۇپ ئىككى – ئۈچ مىڭ كىشلىك قوشۇن كېلىشى مۇمكىن . مەن ( خاقانىمغا ) شۇنداق
دېدىم . خاقانىم مەن ئۆزۈم – بىلگە تونيۇقۇقنىڭ ئۆتۈنگەن ئۆتۈنچەمگە قوشۇلدى . "
ئۆز كۆڭلۈڭ بويىچە ئىش قىلىۋەر " دېدى .  كۆك ئوڭدىن* يۇقۇرىلاپ قوشۇننى ئۆتۈكەن
تاققا* باشلىدىم . ئوغۇزلار ئىنەك كۇلۇكلىرى بىلەن توغلا ( دەرياسى ) دىن كەلدى . 
(ئۇلارنىڭ ) ئەسكىرى ئۈچ مىڭ ئىكەن ، بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق . سوقۇشتۇق ، تەڭرى
ساقلىدى...... تارمار قىلدۇق . (ئۇلار )  دەرياغا چۈشتى . قايتىش يولىدا يەنە (
ئۇلارنىڭ ) نۇرغۇنى ئۆلدى . شۇندىن كېيىن ئوغۇزلارنىڭ ھەممىسى كەلدى . تۈرك
خاقانىنىڭ ، تۈرك خەلقىنىڭ ئۆتۈكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، مەنكى بىلگە تونيۇقۇقنىڭ
ئۆتۈكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، جەنۇپتىكى خەلقلەر ۋە غەرپتىكى ، شىمالدىكى ،
شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ بارلىقى كېلىشتى. بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق ، ئىككى قوشۇن بولدى .
تۈرك خەلقى خەلق بولغاندىن ، تۈرك خاقانى تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان سەندۇڭ
شەھەرلىرىگە ، دەريا – دېڭىزلارغا تېگىپ باقمىغان ئىدى. خاقانىمغا ئۆتۈنۈپ قوشۇن
تارتتىم . لەشكەرلىرىمنى سەندۇڭ شەھەرلىرىگە ۋە دەريا – دېڭىزلارغا ھۇجۇم قىلدۇردۇم
. ( ئۇلار ) يىگىرمە ئۈچ شەھەرنى ۋەيران قىلدى . بۇ يۇرتلار خارابىلەرگە ئايلاندى .
تابغاچ خاقانى دۈشمىنىمىز ئىدى . ئون ئوق خاقانى * دۈشمىنىمىز ئىدى . بۇنىڭدىن
باشقا قىرغىز كۈچلۈك ...... خاقانىمۇ دۈشمىنىمىز بولدى . بۇ ئۈچ خاقان
مەسلىھەتلىشىپ ، ئالتۇن ( ئالتاي ) تېغىدا ئۇچراشماقچى بوپتۇ . ئۇلار مۇنداق
مەسلىھەتلىشىپتۇ: بىز شەرقتىن تۈرك خاقانىغا قوشۇن چىقىرايلى ، ئۇنىڭغا ئەسكەر
چىقارمىساق ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ، ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن ، ئاخىر بىر كۇنى
بەرىبىر بىزنى يوقىتىدۇ . ئۈچەيلەن ( بىللە ) قوشۇن چىقىرايلى ، ئۇنى يوقىتايلى ،
دىيىشىپتۇ ، تۈركەش * خاقانى مۇنداق دەپتۇ : مېنىڭ خەلقىم ئۇ يەرگە بارىدۇ . تۈرك
خەلقى ھەقىقەتەن بۇلغىنىپ ( قالايمىقانلىشىپ) كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇزلارمۇ
تارقىلىپ كەتتى . ئۇ گەپنى ئاڭلاپ تۈنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى
. شۇ چاغدا ، مەن : ...... ئالدى بىلەن قىرغىزلارغا ئۇرۇش قىلساق ياخشىراق
بولىدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلىدىم . كوگمەن ( تېغى ) غا بارىدىغان يول بىرلا ئىكەن
، ئۇنى ( قار ) قاپلىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، بۇ يولدا ماڭساق بولماسمىكىن دېدىم . يولچى
ئىزدىدىم . چۆلدىكى ئاز* پۇقراسىدىن بىرنى تاپتىم .

ئاز يېرىگە بارىدىغان
يولنىڭ ئانى دەرياسىغا ( يېقىن ) ئىكەنلىكىنى ، پەقەت بىرلا ئات بىلەن مېڭىشقا
بولىدىغان تار يول ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، مەن ئۇنىڭدىن ( يەنە ) سورىسام ، ئۇ بۇرۇن
بىر ئاتلىق كىشىنىڭ بۇ يول بىلەن ماڭغانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ يول بىلەن ماڭساق
بولىدىكەن دېدىم ، ئويلاندىم ، خاقانىمدىن ئۆتۈندۈم . قوشۇن چىقارتتىم . ئات بىلەن
دەريادىن ئۆتۈڭلار ، دېدىم . ئاق تەرمەل دەرياسىغىچە يۈرۈش قىلدۇردۇم. ئاتلارغا
مىنىپ ، قارلارنى بۆسۈپ ماڭدۇق . ئاتلارنى يېتىلەتكۈزۈپ ، تاياققا تايانغۇزۇپ
پىيادە ( تاغقا ) چىقارغۇزدۇم .  سەركەردىلەر ( قار - مۇزلارنى) ئاچتى ، بىز
ئورمانلىق چوققىلاردىن ئاشتۇق . ناھايىتى مۈشكۈلدە تاغدىن چۈشتۇق . ئون كېچە –
كۈندۈز ( تاغ ) يېنىدىكى توسالغۇلارنى ئەگىپ يۈرۈپ ماڭدۇق . يولچى ئاداشقاچقا
بوغۇزلاندى . خاقانىمىز ئەنسىرەپ تېز مېڭىڭلار ، دېدى . بىز ئانى دەرياسىغا يېتىپ
باردۇق .  ئۇ دەريانى بويلاپ تۆۋەنگە ماڭدۇق . يولدا قوشۇننى ساناش ئۈچۈن ئاتتىن
چۈشۈردۇق ، ئاتلارنى دەرەخلەرگە باغلاپ قويدۇق...... تۈننى تۈن دېمەي ، كۈندۈزنى
كۈندۈز دېمەي شامالدەك تېز يۈردۇق . قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدۇق . بىز نەيزە
بىلەن....... نى ئاچتۇق . ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ خاقانى ۋە لەشكەرلىرى توپلىنىپ
بوپتىكەن . ئۇرۇشتۇق ، سانچىشتۇق ، خاقانىنى ئۆلتۈردۇق . قىرغىز خەلقى خاقانىمىزغا
بوي سۇندى ، يۈكۈندى . بىز ياندۇق . كوگمەن تېغىنى ئەگىپ ، قىرغىزلارنىڭكىدىن
ياندۇق . تۈركەش خاقانىدىن چارلىغۇچى كەلدى. ئۇنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى :  بىز شەرقتىن
( تۈرك ) خاقانىغا  لەشكەر چىقارمىساق ، ئۇلارغا يۈرۈش قىلمىساق ، ( ئۇلار ) بىزنى
ئۆلتۈرىدۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ، ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن ، ئاخىر بىر كۈنى
بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ، دەپتۇ . تۈركەش خاقانى يولغا چىقىپ بوپتۇ ، ئون ئوق خەلقى
پۈتۈنلەي قوزغىلىپ بوپتۇ ، ( بۇلارنىڭ ئىچىدە ) تابغاچ ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىكەن . بۇ
گەپلەرنى ئىشتىپ ، خاقانىم : " مەن ئۆيگە بېرىپ كېلەي ،  خوتۇنۇم قازا قىپتۇ ، ئۇنى
دەپنە قىلىۋىتەي ، سىلەر قوشۇننى باشلاپ ئىلگىرلەۋېرىڭلار ، ئالتاي تېغىغا
ئورۇنلىشىڭلار ، ئىنەل خاقان بىلەن تاردۇش شاد لەشكەر بېشى بولۇپ ئىلگىرلىسۇن "
دىدى . ئۇ مەنكى بىلگە تونيۇقۇققا مۇنداق دېدى : " سەن بۇ قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىل .
قېيىن ( ئىشلاردا ) ئۆز كۆڭلۈڭچە قارار چىقىرىۋەرگىن ! مەن ساڭا ( يەنە ) نېمە دەي
؟ ئەگەر ئۇلار كېلىپ قالسا ، خەۋەرچىلەرنى كۆپەيتكىن ، كەلمىسە ، " تىل" ( ئەسىر )
تۇتۇپ سۆزىنى توپلاپ تۇرغىن ، دېدى . بىز ئالتۇن ( ئالتاي) تېغىدا ئولتۇراقلاشتۇق .
ئۈچ پايلاقچى قايتىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئوخشاش ئىدى : ئون ئوق خاقانى قوشۇن
چىقىرىپتۇ ، ئون ئوق قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي قوزغىلىپتۇ . ئۇلار بىز يارىس تۈزلەڭلىكىدە
توپلىنايلى ، دېيىشىپتۇ. بۇ سۆزلەرنى ئىشتىپ خاقانغا مەلۇم قىلدىم . قانداق قىلسام
بولار ؟ ( دەپ تۇرغىنىمدا ) يەنە خەۋەر كەلدى : " ئورنىڭلاردا تۇرۇۋېرىڭلار ،
ئاتلىق قاراۋۇللارنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇڭلار* " دېگەن گەپلەرنى بوگۇ خاقان ماڭا
ئەۋەتىپتۇ . لېكىن ئۇ ئاپا تارقانغا * يەنە : " بىلگە تونيۇقۇق يامان ئادەم ، قارا
نىيىتى بار ، ئەگەر ئۇ قوشۇن چىقىرىمەن ، دېسە ئۇنىماڭلار " دەپ مەخپى گەپ
ئەۋەتىپتۇ . بۇ سۆزلەرنى ئىشتىپ ، قوشۇن چىقاردىم . بىز ئالتۇن ( ئالتاي ) تاغنىڭ
يولسىز جايلىرىدىن ئاشتۇق ، ئېرتىىش دەرياسىنىڭ كېچىكسىز جايلىرىدىن كېچىپ ئۆتتۇق ،
بىز تۈن بويى ئىلگىرلىدۇق ، بولچۇ * غا تاڭ يورۇغاندا تەگدۇق. " تىل " ( ئەسىر)
كەلتۈرۈلدى ، ئۇ يارىس تۈزلەڭلىكىدە ئون تۈمەن ئەسكەر توپلاندى ، دېدى . بۇ سۆزنى
ئىشتكەندىن كېيىن ، بەگلەرنىڭ ھەممىسى: يانايلى ! ساپ نومۇس ئەلا ( شەرەپلىك مەغلۇپ
بولغان ياخشى  دېگەن مەنىدە ) ! دېدى . مەنكى بىلگە تونيۇقۇق ئۇلارغا : بىز ئالتۇن
( ئالتاي )  تېغىنى ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، ( بۇ يەرگە) كەلدۇق .
كەلمىكىمىز قېيىنغا چۈشتى . كەلگىنىمىزنى ئۇلار تۇيمىدى . تەڭرى ، ئۇماي ، مۇقەددەس
يەر – سۇ بىزگە مەدەت بېرىدۇ . بىز ( يەنە ) نىمىشقا تېزىپ كېتىمىز ؟ !  ئۇلارنىڭ
ئادىمىنىڭ كۆپلىكىدىن نېمە ئۈچۈن قورقۇپ كېتىمىز ؟ ئادىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۈپەيلى
ئۇلاردىن يېڭىلىپ قالاتتۇقمۇ ؟ تېگەيلى ! دېدىم . تەگدۇق ، يېڭىپ چىقتۇق. ئىككىنچى
كۈنى ئۇلار يەنە كەلدى . ئۇلار ئوتتەك قىززىپ كەلدى . سوقۇشتۇق  . ئۇلارنىڭ  ئىككى
قاناتتىكىلىرى بىزنىڭكىلەردىن سىڭارچە ( يېرىم ھەسسە) كۆپ ئىدى . تەڭرى
ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ كۆپلىكىدىن قورقۇپ كەتمىدۇق . سوقۇشتۇق . تاردۇش شاد
جەڭگە قاتناشتى . بىز يەڭدۇق . خاقانىنى تۇتتۇق . يابغۇسى ۋە شادى شۇ يەردە
ئۆلتۈرۈلدى . ئەللىكچە ئادىمىنى تۇتتۇق . شۇ كېچىسى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە ( ئەلچى )
ئەۋەتتۇق . بۇ خەۋەرنى ئىشتىپ ئون ئوق بەگلىرى ۋە خەلقى پۈتۈنلەي كەلدى ، يۈكۈندى .
ئەل بولغان بەگلەر ۋە خەلقلەرنى تەشكىللەۋاتقىنىمدا، ئۇلارنىڭ بىرقىسمى قېچىپ كەتتى
.  ئۇلارنى قوغلاشقا ئون ئوق ئەسكەرلىرىنى چىقارتتىم . بىزمۇ ئەسكەر چىقاردۇق ،
ئۇلارنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ماڭدۇق ، يىنچۇ ( ئۈنچە) دەرياسىدىن * ئۆتۈپ ، " تىنسى
ئوغلى" * دەپ ئاتىلىدىغان مۇقەددەس ئاق تاغدىن ئاشتۇق . تاكى  تۆمۈر قاپقىغىچە*
باردۇق . قوشۇننى شۇ يەردىن ياندۇردۇق . ئىنەل خاقان ...... ساقا* ، تەزىك* ،
توقرى* ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاسۇق باشچىلىقىدىكى سوغداق خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى
ئەل بولدى ، يۈكۈندى .......تۈرك خەلقى تۆمۈر قاپقىغا ۋە " تەڭرى ئوغلى " دەپ
ئاتىلىدىغان تاغقا ئەزەلدىن تېگىپ باقمىغان ئىدى . مەنكى بىلگە تونيۇقۇق ئۇ يەرگە
يۈرۈش قىلدۇرغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلار ( سوغداقلار ) سانسىزلىغان سېرىق ئالتۇن ، ئاق
كۈمۈش ، قىز – ئاياللارنى ، ئېسىل ئىگەر – جابدۇق ۋە ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى
كەلتۈردى .  ئىلتەرىس خاقان دانا بولغانلىقى ئۈچۈن ، باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ
بىلەن ئون يەتتە قېتىم سوقۇش قىلدى ، قىتانلار بىلەن يەتتە قېتىم سوقۇشتى .
ئوغۇزلار بىلەن بەش قېتىم ئۇرۇش قىلدى . شۇ چاغدىمۇ ئەقىلدارى يەنىلا مەن ئىدىم ،
ياغىچىسى ( تەشكىللىگۈچىسى ) يەنىلا مەن ئىدىم. ئىلتەرىس خاقانغا ، تۈرك بوگۇ
خاقانغا ، تۈرك بىلگە خاقانغا ....... قاپاغان خاقان يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقتىدا ،
مەن قاپاغان خاقانغا ياردەملىشىپ ، ئۇنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدۇم . تۈنلىرى خاتىرجەم 
ئۇخلىيالمىدىم ، كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم . قىزىل قانلىرىمنى تۆكتۈم ، قارا
تەرلىرىمنى ئاقتۇردۇم . مەن ( دۆلەت ) ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم . مەن ئۆزەم
يەنە ئاتلىق قوشۇن چىقاردىم . مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى كېڭەيتتىم .  يېنىپ –يېنىپ
تۇرغان  دۈشمەنلەرنى بوي سۇندۇردۇم . خاقانىم بىلەن بىرگە ( كۆپ قېتىم )  جەڭگە
قاتناشتىم . تەڭرى ساقلىدى . مەن تۈرك خەلقى زىمىنىدە تولۇق قوراللانغان
دۈشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم . بەلگىسى بار ئاتلارنىڭ ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرۈشىگە يول
قويمىدىم . ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان بولسا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، مەن تىرىشمىغان
بولسام ، دۆلەت ۋە خەلق يوق بولاتتى . ئۇ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ،
مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن ، دۆلەت يەنىلا دۆلەت بولدى ، خەلق يەنىلا خەلق بولدى .
ئۆزەم قېرىدىم . ئۇلۇغ بولدۇم . ھەرقانداق يەردىكى خاقانلىق خەلقلەردە مەندەك ئادەم
بولىدىكەن ، ئۇلاردا نېمە غەم بولسۇن .  تۈرك بىلگە خاقان ئېلىگە ، مەنكى بىلگە
تونيۇقۇق ( بۇ مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرنى ) يازدۇردۇم . ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان
بولسا ، مەن ئۆزۈم – بىلگە تونيۇقۇق تىرىشمىغان بولسام ، مەن بولمىغان بولسام ،
قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى تۇپرىقىدا خەلق ئادەم – ئىنسان بولمىغان بولاتتى .
ئىلتەرىس خاقان ۋە مەنكى بىلگە تونيۇقۇق تىرىشقانلىقىمىز ئۈچۈن ، قاپاغان خاقان ۋە
تۈرك سىر خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى . تۈرك بىلگە خاقان تۈرك سىر خەلقىنى ،
ئوغۇزلارنى باقماقتا .



 



ئىزاھات :


بىلگە
-  دانىشمەن ، ئەقىلدار دېگەن مەنىدە .


تابغاچ
-  ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ھەرخىل مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ كەلدى . مەڭگۈ تاش
تېكىستلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ ئاتالغۇ خاس تاڭ سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ .


سىر - 
تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى .


شاد –
مەنسەپ – ئەمەل نامى .


قىتان –
مىللەت نامى . كېيىنچە " خىتاي " غا ئۆزگەردى . لىياۋ سۇلالىسىنى قىتانلار قۇرغان .


چوغاي
قوزى – يەر نامى .


قاراقۇم
– يەر نامى .


سەنگۇن
(سانغۇن) – قەدىمكى تۈركىي تىلدا جىياڭجۈننى شۇنداق ئاتىغان .


كۆك ئوڭ
– يەر نامى .


ئۆتۈكەن
تاغ – تۈرك خەلقى ئەزەلدىن چوقۇنۇپ كەلگەن مۇقەددەس تاغلارنىڭ بىرى . ئورخۇن
دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىغا توغرا كېلىدۇ .


ئون ئوق
خاقانى – غەربىي تۈرك خانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .


تۈركەش
– تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى .


ئاز –
خەلق نامى .


ئانى –
سايان تاغلىرىنىڭ شىمالىي تارمىقىدىكى بىر دەريانىڭ نامى .


تارقان
– مەنسەپ – ئەمەل نامى .


بولچۇ –
يەر نامى .


تىنىسى
ئوغلى – تەڭرى ئوغلى دېگەن گەپ .


تۆمۈر
قاپىغ ( قاپقا) – سەمەرقەند بىلەن بەلخ ئارىسىدىكى بوزقالا تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى
مۇھىم ئۆتكەل .


ساقا –
قەدىمقى ساقلار .


تەزىك –
تاجىكلارنى كۆرسەتسە كېرەك .


توقرى –
بۇ قەدىمقى تۇخارلارنى كۆرسەتسە كېرەك .


 



تولۇقسىز ئوتتۇرا ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئېلىندى .



 



تولۇق ئوقۇش

2008/12/15

كىم كىمگە ھېسداشلىق قىلىشى كېرەك ؟

بۇرۇن بىر ئادەم ئۆتكەن ئىكەن ، ئۇ بەك يۇۋاش بولۇپ ، دائىم باشقىلارغا بوزەك بولىدىكەن . باشقىلار ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى ئاشنى تارتىۋالسىمۇ گەپ قىلالمايدىكەن. بىر كۈنى يەنە بىر ھال _ كۈنى ياخشى بىر كىشىنى ، شۇ يەردىكى بىر نوچى بايۋەتچە بوزەك قىپتۇ . بۇنى كۆرگەن يۇۋاش ئادەم ئۇ ئادەمگە ھېسداشلىق قىلىپ : << ئۇ بايۋەتچە بەك ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتتى ، مەن سىز تەرەپتە تۇرىمەن . >> دەپتۇ .بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭ باش - ئايىقىغا بىر قارېۋىتىپ :<< مەن تېخى سەن ھېسداشلىق قىلغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىدىم .سەن ئاۋۋال ئۆزۈڭنى بىل ! >> دەپتۇ

ئەقىللىق تورداشلار بۇ ھېكايەتنىڭ مەنىسىگە يېتەلەيدۇ

تولۇق ئوقۇش

رەسىم سىزىشتا دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا

رەسىم سىزىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار نۇرغۇن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگۈچىلەر چوقۇم دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا بار . رەسىم سىزغاندا ، بىز رەسىمنى بىر بۆلەك بىر بۆلەكتىن سىزىپ چىقىمىز. ھەربىر بۆلەك بىرنەچچە سزىقلاردىن تۈزۈلىدۇ . مانا بۇ سىزىقلار رەسىمنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسي بۆلەكتۇر. يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر رەسىم سىزغاندا ، سىزىۋاتقان قەلەمنىڭ ئۇچى تېگىپ تۇرغان ئورۇنغا قاراپ سىزىدۇ . بۇنداق بولغاندا رەسىم پۈتكەن چاغدا نىسپىتى توغرا بولماسلىق ،سىزىقلار سىلىق چىقماسلىقتەك ئەھۋال كۆرۈنىدۇ. شۇڭا سىزغاندا قەلەمنىڭ ئۇچىغا ئەمەس بەلكى سىز قەلەمنى ئاپىرىپ توختاتماقچى بولغان ئورۇنغا قاراپ تۇرۇپ سىزىقنى سىزىش كېرەك. مانا بۇ رەسىم سىزىشتىكى مۇھىم بىر نۇقتا



تولۇق ئوقۇش

سونگوكۇ نى سىزىش ئۇسۇلى

سىز ياپونىينىڭ كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى << ئەجدىھا مەرۋايىتى >> نى كۆرگەنمۇ ؟ ئۇنىڭ باش قەھرىمانى سونگوكۇ نىڭ سىزىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك




تولۇق ئوقۇش

قول سۇنۇشنىڭ سەۋەبى

بۇ خىل تېڭىق قولنىڭ قانداق سۇنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ ، تەربىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە








تولۇق ئوقۇش

مەن نېمىشقا ئويلىمىغاندىمەن ؟

موتسىكىلىت شەكىللىك جۈمەك - ئەگەر موتسىكىلىتنى ياخشى كۆرسىڭىز ، بۇخىل جۈمەكنى سېتىۋېلىڭ.


قوش كىشلىك كۈنلۈك - ئەگەر مۇشۇنداق كۈنلۈك بولسا كۈندە يامغۇر يېغىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. بۇ يەردىن تەپسىلى كۆرۈڭ
كونۇپكا شەكىللىك ئورۇندۇق - بۇ خىل ئورۇندۇق بالىلار باغچىسىغا ماس كەلگۈدەك ، ئۈستىدىكى خەت ئىنگىلىزچە ئولتۇر دېگەن خەت

تولۇق ئوقۇش