2009/02/06

تاغدىكى سىرلىق دېلو-3

مەن بىر رازۋېدكا ھېكايىسى مەستانىسى. بۇمېنىڭ تۇنجى رازۋېدكا ھېكايەم . تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ! خالىغانچە كۆچۈرمەڭ ! ئ

تاغدىكى سىرلىق دېلو
ئاپتورى: بۇغرا ئەنۋەر
رازۋېتكا ھېكايىسى

3

ئاپتۇبۇس ئۇزاق مېڭىپ ، شەھەر ۋە يېزىلارنى بىر_ بىرلەپ ئارقىدا قالدۇرۇپ ، بىر جاڭگالغا چىقىپ قالدى.
_ بىزنى نەگە ئەكىتىپ بارىدىغاندۇ ؟_ دېدىم مەن سائېتىمگە قاراپ ،_ بىز ماڭغىلى تۆت سائەت بولاي دەپتۇ ، ھازىر شەھەردىن كەم دېگەندە 200 كىلومېتىر يىراقلاپ كەتتۇق .
_ بىز تاغدىكى بىر تاشلاندۇق تاش كانىغا كېتىپ بارىمىز . ئۇ يەر بەك چەت ، ئەمما ھاۋاسى ساپ ، _ دېدى دىلنارھەدە ،_ ئۇ كاننى ئەسقەر خېلى بۇرۇن ھۆددە ئاپتىكەن. ھازىر قېزىشتىن توختاپتۇ. ئۇ بۇرۇن شۇ يەرگە بىر يۈرۈش ئۆي سالدۇرۇپتىكەن . بىز شۇ يەرگە بارىمىز.
_ ھە، ئەمىسە ئۇ يەردە ھازىر ئادەم يوقكەندە ؟ _ دېدىم مەن.
_ ھەئە ، ئادەم يوق . ئەڭ يېقىن مەھەللە ئۇ يەرگە 50 كىلومېتىر كېلىدۇ ،_ دېدى دىلنار ھەدە.
_ سىز بۇرۇن ئۇ يەرگە چىقىپ باققانمۇ ؟
_ بۇرۇن بىر قېتىم چىققان . ئۇ چاغدا تېخى كان قېزىلىۋاتاتتى .
ئاپتۇبوس داۋان يولىدا ئاستا كېتىۋاتاتتى. خۇددى چۈمۈلىدەك ئاستا _ ئاستا يۇقىرى ئۆرلەيتتى . قارىغاندا بۇ يەرنىڭ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن خېلى بەك ئېگىز بولسا كېرەك . بارغانسىرى نەپەس ئېلىش قېيىنلىشىۋاتاتتى . ئاپتۇبوس تاشيولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ بىر تار توپا يولغا كىردى . ئالاھەزەل 20 مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن ، سائەت ئىككىگە ئاز قالغاندا بىز مەنزىلگە يېتىپ كەلدۇق . شوپۇر ئۇستام ماشىنىنى بىر كەڭرەك جايغا توختاتتى . ھەممەيلەن ئۇيقۇلىرىنى ئاچتى . ماشىنىدىن بىر – بىرلەپ چۈشۈشكە باشلىدۇق. بالىلار ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۇياق _ بۇياققا قاراپ ، ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي :<< ھەجەپ پەيزى جايكەن >> دېيىشىپ كەتتى . ماشىنىدىن چۈشكىچە دىلنار ھەدىنىڭ سومكىسى يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ، ئاغزى ئېچىلىپ كەتتى . ئۇنىڭ قېشىدا رەنا بار ئىدى .
_ ھەجەپ چىرايلىق سومكىكەن بۇ ،_ دېدى ئۇ ئېڭىشىپ دىلنار ھەدىنىڭ چېچىلىپ كەتكەن نەرسىلىرىنى سومكىسىغا سېلىشىپ بەرگەچ .
_ بۇ كىم ؟_ دېدى رەنا ، ئۇنىڭ قولىدا بىر پارچە رەسىم تۇراتتى . دىلنار ھەدە ئۇ رەسىمنى قولىغا ئالغۇچە مەن كۆرۈپ ئۈلگۈردۈم . ئۇ دىلنار ھەدە بىلەن بىر كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ رەسىمى ئىكەن .
_ بۇ مېنىڭ ئىنىم ،_ دېدى دىلنار ھەدە رەسىمنى سومكىسىغا سېلىۋىتىپ .
_ ئالغاچ كەلسىڭىز بولمامدۇ ؟ بىللە ئويناپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى ،_ دېدى رەنا تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن .
_ ئۇ باشقا يەرگە كەتتى . بولمىسا بۇ يەرگە چوقۇم كېلەتتى .
« رەنا بەك ساددا جۇمۇ ، بۇ يا بىر خەير _ خاھلىق پائالىيتى بولمىسا ، ھېلىمۇ بىزنى ئەكىلىپ ، ئەسقەر ئاكا جىق چىقىم تارتتى .» دەپ ئويلىدىم مەن .
_ قاراپ تۇرماي ، ماشىنىدىكى نەرسىلەرنى ئۆيگە ئەكىرىشىپ بېرىڭلار ،_ دېدى ساۋۇت مۇئەللىم بىزگە قاراپ . ئالدى تەرەپتە بىر چوڭراق ئۆي ، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىزلىقلا بىر كىچىك ئۆي تۇراتتى . بىز نەرسىلەرنى قولمۇ قول كۆتۈرۈپ ، چوڭراق ئۆيگە ئەكىردۇق . ئۈچ ئېغىزلا ئۆي ئىكەن ، كىرىپلا بىر چوڭ ئايۋان ، سول تەرەپتە چوڭ بىر ئېغىز ئۆي ، ئوڭ تەرەپتە بولسا ئۇنىڭدىن كىچىكرەك بىر ئېغىز ئۆي بولۇپ ، ھەممىسىگە سۇپا قىلىنغان ئىدى . ئېلىۋالغان يىمەكلىكلەر كۆپ ئىدى . بىر نەچچە بوخچا يوتقان - كۆرپىمۇ تۇراتتى . يەنە ئىككى يەشىك پىۋا بار ئىدى . نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، پالاس، گاز ئوچاق ۋە قازانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆينىڭ غەرب تەرىپىدىكى بىر شالاڭ چىم ئۆسكەن تۆپىلىككە چىقتۇق. بۇيەردىن پەس ئېنىق كۆرىنەتتى ، ھەم تازا ئاپتاپ چۈشەتتى . تاغنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولغاچ ، كىشىگە ئاپتاپ خۇشيېقىۋاتاتتى . بىز پالاسنى چىم قويۇقراق ئۆسكەن يەرگە سالدۇق ، ئوتتۇرىغا يەل - يېمىش ۋە ئىچىملىكلەرنى قويدۇق . گاز ئوچاقنى قۇراشتۇرۇپ ، قازاننى ئېسىپ ، گۆشنى سالدۇق . قارىسام چوڭلارنىڭ پىۋا ئىچكۈسى باردەك تۇراتتى . شۇڭا ئۇلارغا دەخلى قىلمايلى دەپ ئويلاپ ، بالىلارغا مەن گۆش پىشقۇچە ئەتراپنى ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم . ھەممىسى بىر ئېغىزدىن قوللاشتى .
_ بوپتۇ ، ئايلىنىپ كېلىڭلار، بەك يىراققا كەتمەڭلار ، بولمىسا ئېزىپ قالىسىلەر ، _ دېدى ساۋۇت مۇئەللىم .
_ بىللە بارايلى ،_ دېدىم مەن غېنىنىڭ قېشىغا كېلىپ . ئۇ جاۋاب بەرمەي باشقا يەرگە قاراپ تۇرىۋالدى . ئۇ بايىدىن بېرى توپقا قوشۇلماي بىر تەرەپتە يالغۇز ئولتۇراتتى . مەن ئەسقەر ئاكىغا قارىدىم ، ئۇ مېنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ، « بولدى، مېڭىۋىرىڭلار» دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى.
مەن تۆپىلىكنىڭ غەرب تەرىپىدە بىر ئېقىن كۆرگەن ئىدىم . شۇ ئېقىننى بويلاپ ، تۆۋەنگە چۈشۈپ باققۇم كەلدى. ھەممىسى ماڭا ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى . قارىسام غېنىمۇ گەپ_ سۆز قىلماي ئەڭ كەينىدە كېلىۋىتىپتۇ . بۇنى كۆرۈپ خېلى خوش بولدۇم . « قارىغاندا بۇ ساياھەتنىڭ ئۇنىڭغا ئۈنۈمى بولىدىغان ئوخشايدۇ » دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . بىز ئېقىن بويىغا كەلدۇق . سۇدىن بىر ئوچۇم ئېلىپ ئىچىپ بېقىۋىدىم ، سۇ شۇنداق مۇزدەك ھەم تاتلىق ئىكەن . قولۇم ئازراق توڭدى .
_ بۇ يەردە قاشتېشى بارمىدۇ ؟_ دېدى جۈرئەت ، _ ئىزدەپ باقايلى .
_ بۇ يەردە تاش بەك جىق ئىكەن ، _ دېدى ئىليار ، _ قاشتېشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
_ ماۋۇ تاش بەك چىرايلىقكەن ،_ دېدى تۇرسۇنئاي .
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن تاش تەرگىلى تۇردۇق . بۇ يەردە ھەرخىل تاشلار بار ئىكەن . لېكىن بىرمۇ قاشتېشى ئۇچرىمىدى . بىز ئېقىننى بويلاپ تۆۋەنگە ماڭدۇق . بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ، ئېقىن بىر تار ئارلىققا كىرىپ كەتتى .
_ كىرىپ باقامدۇق ؟ _ دېدىم ئۇلاردىن .
_ كىرىپ باقايلى ، _ دېدى رەنا .
ئېقىننى بويلاپ ، مېڭىۋەردۇق . مېڭىۋېرىپ بىر كەڭ جايغا چىقىپ قالدۇق . بۇ يەردە سۈيىنىڭ قايغان يېرى بار ئىدى . بىر تەرەپتىكى تاغنىڭ ئويۇلۇپ چۈشكەن ، تۈپتۈز تامدەك بىر يېرى بار ئىكەن . سۇ شۇيەرگە ئۇرۇلۇپ ، قېيىپ ئاقىدىكەن .
_ بۇ يەر بەك چىرايلىق ئىكەن ،_ دېدى رەنا ۋە ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئايىقىنى سېلىۋىتىپ ، ئىشتىنىنى تۈرىۋىتىپ سۇغا چۈشتى. سۇ ئوشۇقتىن سەل ئېشىپ تۇراتتى .
_ ۋاھ ، ۋاھ ... ھەجەپ سوغۇقكەن ،_ دېدى ئۇ سەكرەپ، ۋە سۇدىن چىقىپ تۇرغان تاشقا دەسسىۋالدى. ھەممىمىز ئايىقىمىزنى سېلىپ سۇغا كىردۇق. راستلا بەك سوغۇق ئىكەن ، سوغۇق مىڭەمگە چىقىپ كەتتى . ئابدۇقەييۇملار سۇدا يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى . غېنى قىرغاقتا قاراپ تۇراتتى .
_ قاراڭلار ،_ دېدى ئابدۇقەييۇم تۆۋەننى كۆرسىتىپ ،_ ئۇيەردە شاقىراتما بار ئىكەن .
ھەممىسى قىزىقىپ يۈگۈرۈشۈپ ، ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە كەتتى . مەنمۇ بېرىپ قارىسام ، كىچىك بىر شاقىراتما ئىكەن، ئېگىزلىكى بەش مېتىرمۇ كەلمەيدىكەن . لېكىن بۇ بىزگە ناھايىتى پەيزى كۆرۈندى .
_ پەسكە چۈشۈپ ، تۆۋەندىن كۆرۈپ باقايلى ،_ دېدى ئىليار .
بالىلار ئايلىنىپ ، پەسكە چۈشۈشكە باشلىدى . مېنىڭ پۇتۇم بەك توڭلاپ كەتكەچكە ، ئايىقىمنى كېيىۋالاي دەپ ئارقامغا ياندىم . بايىقى يەرگە بارسام ، رەنا ھېلىقى ئويۇلۇپ چۈشكەن تامغا بىر نەرسە سىزىۋىتىپتۇ .
_ نېمە قىلىۋاتىسىز ؟_ دەپ سورىدىم مەن.
ئۇ مېنى كۆرۈپ ، سەكرەپ تۇرۇپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ مېنى چاقىردى .
_ تىز كېلىڭ ، تىز . تىزراق بولۇڭ .
_ نېمە بولدى ؟ _ دەپ سورىدىم مەن يۈگۈرۈپ كېلىپ .
_ بۇ يەرگە ئىسمىمنى يېزىپ قويدۇم ، _ سىزمۇ يېزىپ قويۇڭە.
قارىسام ، تاش بىلەن سىجىپ رەنا دەپ يېزىپ قويۇپتۇ . مەنمۇ قولۇمغا تاش ئېلىپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىككە پەرھات دەپ يازدىم . بۇ تاغ توپا تاغ بولغان بىلەن خېلىلا قاتتىق ئىكەن .
_ نېمە قىلىۋاتىسىلەر ؟_ دېدى گۈلمىرە كەينىمىزدىن كېلىپ .
_ ئىسمىمىزنى يېزىپ قويىۋاتىمىز ،_ دېدى رەنا .
_ مەنمۇ يېزىپ قويايچۇ ،_ دېدى گۈلمىرە قولىغا تاش ئېلىپ .
_ مېنى شاقىراتمىغا ئاپىرىڭە ،_ دېدى رەنا ،_ مەنمۇ كۆرۈپ باقاي.
مەن ئۇنى باشلاپ ، شاقىراتما تەرەپكە ئاپاردىم . بالىلار پەستە رەسىمگە چۈشكىلى تۇرۇپتۇ . بىزمۇ پەسكە چۈشۈپ ، رەسىمگە چۈشتۇق . ئاندىن ھەممىمىز ئايىغىمىزنى كېيىۋالغىلى ئارقىمىزغا ياندۇق . شۇ ۋاقىتتا ، بايا يازغان خەتنى بىر كۆرۈپ باقاي دەپ ئاتايىتەن ئۇ يەرگە باردىم . قارىسام گۈلمىرە ئىككى ئىسىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستاپ ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويۇپتۇ. پاتمىغان قىسمى رەنانىڭ ئىسمىنى بۇزىۋىتىپتۇ . كۆڭلۈم بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدى . << ھەي ، قىز بالا دېگەنزە...>> دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
غېنى يول بويى يا گەپ قىلمىدى ، يا ئوينىمىدى. پەقەت بىزگە ئەگىشىپ يۈردى . بىز تاماققا ئۈلگۈرۈپ قايتىپ باردۇق. بىز كەلگەندە سائەت 5 بولغان ئىدى . قايتىپ كەلسەك ، چوڭلار ئوبدانلا تەڭشىلىپ قاپتۇ . ئەسقەر ئاكا بىلەن ھېلىقى كومپيۇتېر مۇئەللىمى ئەخمەتجان سەل قىزىرىشىپ قالغاندەك تۇراتتى. بىز قايتىپ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇدەك يەرگە كەلگەندە :
_ باشقا ئادەمنى قويساڭ ئۇ باشقا گەپ ، ئاغىنەڭنىمۇ قويامسەن ؟_ دەۋاتاتتى ئەخمەتجان مۇئەللىم .
_ سەن بۇنداق ئويلىساڭ بولمايدۇ ، ئاداش ،_ دېدى ئەسقەر ئاكا ،_ ھازىر مەندىمۇ ئامال يوق .
_ ئۇنىڭ 20 ئادەمنى ئوينىغىلى ئەپچىقىشقا ئامالى بار ، ئەمما بىزنىڭ پۇلىمىزنى بېرىشكە ئامالى يوق ، _ دېدى مۇرات ئاكا .
بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئەمدى ئاڭلىشىم ئىدى . « بۇ يەردە خېلى مەسىلە باردەك قىلىدۇ » دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئەسقەر ئاكا ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمىغاندەك تۇراتتى . ئۇ ھەتتا مۇرات ئاكىغا قاراپمۇ قويمىدى . مېنىڭ قارىشىمچە ، ئابتۇبوسقا چىقىپ تا مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە ، ئەسقەر ئاكىنىڭ نەزىرىدە ئۇ مەۋجۈت ئەمەستەكلا ئىدى. قىززىق ، ئۇنىڭ مۇرات ئاكا بىلەن مۇناسىۋىتى مۇشۇنداق ناچار تۇرۇپ ، نېمىشقا ئۇنى بىللە ئېلىپ چىقتىكىنە؟
ئۇلار بىزنىڭ قايتىپ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ ، ئۇلار تاكاللىشىشنى توختاتتى . شۇنداقتىمۇ ئەخمەتجان مۇئەللىم ئۇنىغا تەتۈر قارىۋالدى. نۇسرەت ھەدە ۋە خۇرشىدە ھەدە قازان بېشىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرەتتى . بىز كېلىپ پالاسنىڭ بىر چېتىدە ئولتۇردۇق . شورپىنىڭ تەييار بولۇشىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئىدۇق . شورپا كەلتۈرۈلدى. نۇسرەت ھەدە شورپىنى ئۇسسىدى ، گۈلمىرە بىلەن تۇرسۇنئاي توشۇدى. رەنا بىلەن ئۇدۇل ئولتۇرۇپ قالغان ئىدىم ، ئۇنىڭ كۆزۈم ئۇچرىشىپ قېلىپ ، ئىككىمىز بىردەم بېقىشىپ قالدۇق .
_ رەنا ، بۇ سېنىڭ ئاداش ،_ گۈلمىرە شورپىنى ئۇزاتتى . رەنا ئالاي دەپ تۇرۇشىغا ، شورپا قاچىسى بىلەنلا رەنانىڭ قۇچىقىغا چۈشتى . رەنا ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى .
_ پا .... ھەجەپ كۆيۈپ كەتتى ،_ دەپ ئىشتىنىنىڭ شورپا تۆكۈلگەن يېرىنى سىقىشقا باشلىدى.
_ ۋاي ، خاپا بولما ئاداش ، قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى ،_ دېدى گۈلمىرە ئەپۇ سوراپ . ئەمما ئاۋازى ئانچە سەمىمىي ئەمەس ئىدى ، چىرايىدىن <<ئوبدان بولدى>> دېگەندەك ئالامەتلەر چىقىپ تۇراتتى . رەنا ئاۋازىنى چىقارمىغىنى بىلەن ، كۆزلىرىدىن ياش ئېقىۋاتاتتى .
_ ئاۋۇ تەرەپكە بېرىپ سوغۇق سۇدا يۇيىۋىتەيلى ،_ دېدى زۇلپىيە ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ . ئۇلار كەتتى .
_ سەن ئولتۇرمامسەن ، نېمىگە تۇرىۋالدىڭ ؟_ دېدى ئابدۇقەييۇم ماڭا قاراپ . بايا مەن ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىپتىمەن . مەن ئاستا ئولتۇردۇم . كۆزۈمنىڭ قىرىدا گۈلمىرەگە قاراپ قويدۇم. ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇراتتى . << ئۇ قەستەن قىلدى ،_ دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە ،_ ھەجەپ ئىچى زەھەر قىزكەن بۇ .>> بىردەمدىن كېيىن رەنالار قايتىپ كەلدى. ئۇ خېلى يىغلىغان ئوخشايدۇ . كۆزلىرى قىزىرىپ قالغان ئىدى.
_ خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟_ دەپ سورىدىم مەن . ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى . لېكىن كۆيۈپ قالغان يەرنىڭ ئۇزۇنغىچە ئېچىشىدىغانلىقىنى بىلەتتىم .
بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق . بىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇلار پىۋا ئىچمىدى. بىزدىن تارتىنغان بولسا كېرەك . ئەسقەر ئاكا شوپۇر ئۇستامنى گىتتار چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى . ئۇ گىتتارنى شۇنداق ياخشى چالىدىكەن . يېقىملىق ناخشا ئاۋازى بىلەن ساپ تاغ ھاۋاسى قوشۇلۇپ ، كىشىنى مەستخۇش قىلىۋەتتى .
_ ھوي ،ھوي ، _ دەپ توۋلىدى نادىر دوختۇر بىر چاغدا ، _ بۇ كىمنىڭ چاپىنى ؟
ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ، بىر چاپاننىڭ ئۈستىدىن بىر تاماكا قالدۇقىنى ئېلىۋەتتى . ئارقىدىن دىلنار ھەدە يۈگۈرۈپ بېرىپ چاپاننى قولىغا ئالدى .
_ ئۇۋ .... ،- دەپ ئېچىگە تارتتى دىلنار ھەدە ، _ قاراپراق تاشلىسىڭىز بولمامدۇ ؟
_ كەچۈرۈڭ ، _ دېدى نادىر دوختۇر ، _ قارىمايلا تاشلاپتىمەن . ھېلىمۇ ياخشى كۆيمەپتۇ .
_ كۆيمەپتۇ دېگىنىنى ، _ دېدى دىلنار ھەدە ، _ قاراڭ ، رەختى كۆيمىگىنى بىلەن ، ئاپئاق تۈگمىسى سارغىيىپ قاپتۇ .
_ كەچۈرۈڭ ، _ دېدى نادىر دوختۇر خېجىل بولۇپ .
_ بولدى ، بولدى ، _ دېدى دىلنار ھەدە ، _ ھىچقىسى يوق.
ساۋۇت مۇئەللىم ئۆزىنىڭ رەقەملىك سىن ئېلىش ئاپپاراتىنى ئېلىۋاپتىكەن . ھەممىمىزنى سىنغا ئېلىپ قويدى . كەچ سائەت 6 دىن ئاشقاندا بىز نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ قايتتۇق . پىلان بويىچە ئەتە كانغا بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇق . ئەسقەر ئاكا ياتىدىغان يەرنى ئورۇنلاشتۇردى . سول تەرەپتىكى چوڭ ئۆيدە ئاياللار ۋە قىزلار ياتىدىغان بولدى . ئوڭ تەرەپتىكى كىچىكرەك ئۆيدە چوڭ ئەرلەر ، ئايۋاندا بىز ئوغۇللار ياتىدىغان بولدۇق . ئەسقەر ئاكا سىرتتا ئايرىم سېلىنغان بىر ئېغىز ئۆي بار ئىكەن ، شۇنىڭدا يالغۇز ياتماقچى بولدى. چۈنكى ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بەك قاتتىق خورەك تارتىدىكەن.
سائەت يەتتىلەردە ، بايا پالاس سېلىپ ئولتۇرغان تۆپىلىككە باردىم . ئۇ يەردىن كۈننىڭ پېتىشىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى . مەن ئېگىزرەك بىر تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇردۇم . كۈن پاتاي دەپ قالغان ئىدى . شەھەردە مۇنداق مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى .
_ بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىز ؟
بۇرۇلۇپ قارىسام ، ئارقامدا رەنا كۈلۈپ تۇرۇپتۇ .
_ كۈننىڭ پاتقىنىنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم ،_ دېدىم مەن .
_ قولۇمدىن تارتىۋىتىڭە ، مەنمۇ كۆرەي ،_ دېدى رەنا . ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقاردىم . ئىككىمىز بىللە ئولتۇرۇپ ، كۈن پېتىش مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇق . بۇ مېنىڭ ساياھەتكە چىقىشتىن ئىلگىرى خىيال قىلغىنىمدەكلا بولدى . شۇ تاپتا كۆڭلۈم شادلىققا تولغان ئىدى. خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئېغىز ئاچتىم ؛
_ كۆيگەن يېرىڭىز قانداقراق ؟
_ سەل ئېچىشىۋاتىدۇ. ئەمما كېرەك يوق .
بىز جىمىپ قالدۇق . سەل ئۆتكەندىن كېيىن رەنا :
_ سىز ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقۇشنى ئويلىشىۋاتىسىز ؟ _ دەپ سورىدى .
_ تېخى ئويلاشمىدىم .
_ بىرەر قىزىقىشىڭىز باردۇ ؟
_ بولۇشىغۇ بار ، ئەمما قىزىقىشىم بەك كۆپ بولغاچقا قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەۋاتىمەن ،_ دېدىم مەن.
ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى .
_ سىزچۇ ؟ قايسى كەسىپتە ئۇقۇشنى ئويلاشتىڭىزمۇ ؟ _ دېدىم مەن .
_ مەنما ؟ _ دېدى ئۇ ئويلىنىپ ،_ مەن ئەدەبىياتتا ئوقۇيمىكىن دەۋاتىمەن .
_ ياخشى ئويلاپسىز ،_ دېدىم مەن ،_ سىزنىڭ يېزىقچىلىقتا قابىلىيىتىڭىز بار .
_ مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن ،_ دېدى ئۇ ۋە ئارقىدىن ئىتتىك ماڭا قاراپ ،_ قارىغاندا سىز مېنى خېلى چۈشىنىدىكەنسىز ھە ؟!
_ ھە ... ھەر .. ھالدا خېلى چۈشىنىمەن ،_ دېدىم مەن دۇدۇقلاپ ، ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن خىجىل بولۇپ تەمتىرەپ قالغان ئىدىم . ئۇ مېنىڭ بۇ ھالىتىمىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى . مەنمۇ كۈلدۈم . بىز شۇنداق بىردەم پاراڭلشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، قاراڭغۇ بولۇپ كەتتى . بىز قايتتۇق . ئۆيگە قايتىدىغان يولدا بىر نەچچە قورام تاش بار ئىدى . شۇ تاشنىڭ كەينىدىن ئىككى ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ سىز نىمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسز ؟_ دېدى ئايال كىشى . بۇ نۇربىيە ھەدىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ مەن سىزگە دېدىمغۇ ، بىزنىڭ ئىشىمىز ئاللىبۇرۇنلا تۈگىگەن ، ئەمدى تولا ماڭا يېپىشىۋالماڭ ،_ دېدى ئەر . بۇ ئەسقەر ئاكىنىڭ ئاۋازى ئىدى . بىز تىز مېڭىپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كەتتۇق .
كۆپچىلىك ئايۋاندا شام يورۇقىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى . بىزمۇ ئولتۇرۇپ بىردەم قىززىق پاراڭ سىلىشتۇق . بىر دەمدىن كېيىن ئەسقەر ئاكا ئايۋانغا كىردى. ئۇ يالغۇز ئىدى . مەن ئۇنىڭغا دىققەت قىلدىم . ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك كېلىپ ئولتۇرۇپ ، پاراڭغا قېتىلدى...
ھەممىمىزنى ئۇيقۇ بېسىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى تۆت سائەت ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇش ۋە بىزنىڭ چۈشتىن كېيىنكى ئېقىننى بويلاپ باسقان يولىمىز بىزنى ئوبدانلا چارچاتقان ئىدى. كۆپچىلىك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئەسنەشكە باشلىدى . بۇ چاغدا نۇربىيە ھەدە سىرتتىن قايتىپ كىردى . كۆزلىرىدىن ئۇزاق يىغلىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . ئۇ گەپ قىلماي بىر چەتكە بېرىپ ئولتۇردى . يەنە بىر چەتتە بايىدىن بىرى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان غېنى ئولتۇراتتى . سائەتكە قارىسام ، 9 غا چارەك سائەت قاپتۇ .
_ ئەمدى ئۇخلايلى ،_ دېدى ئەسقەر ئاكا ،_ دىلنار ، سىز ماۋۇ سىڭللىرىم بىلەن بىللە جاي راسلىسىڭىز بوپتىكەن .
_ ماقۇل ، _ دېدى دىلنار ھەدە.
بۇ يەردە بۇرۇن ئىشلەتكەن كۆپىلەر بار ئىكەن . بىز ئوغۇللارغا شۇ كۆپىلەرگە كىرلىك سېلىپلا ئورۇن راسلاپ بەردى . قىزلارغا ماشىنىدا ئەپكەلگەن يېڭى كۆپىلەردە ئورۇن راسلاندى.
_ خاپا بولماڭلار، _ دېدى ئەسقەر ئاكا ، _ ئادەم كۆپ بولغاچ كۆرپە يېتىشمىدى. ئوغۇلبالا بولغاندىكىن، مۇنچىلىك جاپاغا چىدايسىلەرغۇ ؟
_ ئەلۋەتتە ، ھىچقىسى يوق ،_ دىيىشتۇق بىز.
قىزلار ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. سوغۇق بولغاچقا كىيىمنى سالماي پۈتۈن يېتىشقا توغرا كەلدى . مېنىڭ ھاجەتكە چىققۇم كېلىپ سىرتقا چىقتىم . قايتىپ كىرىۋاتسام ، ئىككى ئادەم ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرۇپتۇ . مەن قاراڭغۇدا ئۇلارنىڭ نادىر دوختۇر بىلەن ئەسقەر ئاكا ئىكەنلىكىنى ئاران ئىلغا قىلدىم.
_بوپتۇ ، سېنىڭ سىڭلىمغا قىلغانلىرىڭنىڭ ھېسابىنى كېيىن قىلاي ، _ دېدى نادىر دوختۇر ، _ ساڭا قىلغان ياخشىلىقىمغا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرامسەن ؟
_ سەن ئۇ ئىشنى تولا پەش قىلۋەرمىگىن ، _ دېدى ئەسقەر ئاكا ، _ ئۇ ئىشتا سەنمۇ ئاز پايدا ئالمىدىڭ .
ئۇلار مېنى كۆرۈپ پارىڭىنى توختاتتى . مەن ئىتتىك مېڭىپ، ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . « ئەسقەر ئاكىنىڭ ئىشلىرى نىمانداق كۆپ ؟ » دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
كىرسەم ، ھەممە ئوغۇللار ئۇخلىشىپ قاپتۇ . مەنمۇ ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم .

1 条评论:

匿名 说...

ماڭا بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز

atamana707@gmail.com

ئىنكاس يېزىڭ