2009/01/30

مەن بىلىدىغان پەرھات- يالقۇن ھادىسىسى نى ئوقۇغاندىن كېيىن

http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=14055&fpage=0&toread=&page=1ئەسلى ماقالە ئادرىسى :
«مەن بىلىدىغان پەرھات- يالقۇن ھادىسىسى» نى ئوقۇغاندىن كېيىن قاتتىق ھەيران قالدىم. ئېچىنىش ۋە مەيۈسلۈك قەلبىمنى قاپلىدى. بۇ ئېچىنىش تۇيغۇسى مېنى بۇ ماقالە توغرىسىدا تەسىرات يېزىشقا ئۈندىدى.بۇ ماقالە يالقۇن روزىنىڭ پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» دېگەن رومانى توغرىسىدىكى يازغان ئوبزورىغا قارىتا جاۋابمۇ ئەمەس ، ئىلمىي مۇنازىرىمۇ ئەمەس ئىكەن. بەلكى يالقۇن روزىنىڭ شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىش ، چۆكۈرۈش ئارقىلىق، 8 يىلدىن بۇرۇن، يالقۇن روزى يازغان بىر پارچە ئوبزور سەۋەبىدىن، يۈرىكىدە پەيدا بولغان ئۆچ- ئاداۋەتنى ئېلىۋېلىش ئوخشايدۇ. مېنىڭچە بىز ئوقۇرمەنلەر شەخسىيلەرنىڭ قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىشىپ بېرىدىغان ۋاستە ئەمەس. ئەگەر بۇ ماقالىنى يازغۇچىلاردا، ئەدەبىي تەنقىتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا، ئەقەللىي ساۋات ۋە سالاپەت بولىدىغان بولسا، 8 يىلدىن بېرى توغرا ۋاستىلەر بىلەن، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەسەر توغرىسىدىكى ئۆز قارىشىنى بايان قىلسا بولاتتى. ئەمما ھازىرقى ماقالىدىن چىقىپ تۇرىدۇكى،ئاپتوردا ئازراقمۇ ئىلمي ئۇسۇل يوق، ماقالىدە تىل-ھاقارەت ۋە چاكىنا سۆزلەر يېغىپ كېتىپتۇ. ئاپتور بۇ ماقالىسى ئارقىلىق مۇشۇ پەيتتە ئوقۇرمەنلەر ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا زىددىيەت، ئۆچ-ئاداۋەت، گۇمان ئۇرۇقىنى قايتا چاچتى. ئاپتورنىڭ مۇددىئاسى زادى نېمىدۇ؟ ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈم قىلىپ، «ئۇيغۇرلار ئىچىدە پەرھات-يالقۇن ھادىسىسى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە كۆرۈلىۋاتقان ئىختىلاپلار بىر-بىرى بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدىغان ئىككى تەپەككۇر شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر.» دەيدۇ. ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسى قەتئىي سىغىشالمايدىغان بۇ ئىككى خىل تەپەككۇر شەكىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى باشلاش سىگنالىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ توقۇنۇش مۇشۇنداق تىل- ھاقارەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلامدۇ ياكى ئىلمىي ، ئەخلاقىي يوسۇندا، بىز ئۇيغۇر جەمىيتى ئىتىراپ قىلىدىغان تەپەككۇر شەكلى بىلەن ئېلىپ بېرىلامدۇ؟

没有评论:

ئىنكاس يېزىڭ