بەزى دوستلار تەكلىماكان بلوگدا يازمىلارنى تۈرگە ئايرىش توغرىلىق سوئال سوراپتىكەن . مەنمۇ سورىغان ئىدىم ، لېكىن تەكلىماكان ئەپەندىنىڭ ۋاقتى يەتمىدىمۇ ،ياكى بۇ مەسىلىنى ئاددى كۆردىمۇ بىلمىدىم ،جاۋاب بېرىلمىدى . كېيىن مەن ئۆزۈم بۇنى ھەل قىلدىم . گەرچە
تېخنىكام تۆۋەن بولسىمۇ ، بۇنى تورداشلارغا سۆزلەپ بېرىشنى لايىق تاپتىم . بېشىدا دەپ قوياي ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بلوگنىڭ خەتكۈچ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىمىز . ئاۋۋال بىرەر تور بەت ياسايدىغان دېتالدا ، مەسىلەن FrontPage دېگەندەك دېتالدا بىر导航栏 ياسىۋالىمىز ، ( بلوگنىڭ 字符 دېگەن كۆزنىكىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياسىسىمۇ بولىدۇ ، لېكىن ئۇ سەل ئاۋارىچىلىق ) ، ھەربىر تۈر ئىسمىغا 超级链接 ئۇلايمىز . ئۇلايدىغان ئادرىس مۇنداق بولىدۇ :
http://blogismi.blogspot.com/search/label/tvrismi
blogismi دېگەن يەرگە بلوگىڭىزنىڭ ئىسمىنى يازىسىز .
ئەڭ كەينىدىكى tvrismi دېگەن يەرگە سىزنىڭ بلوگىڭىزغا قوشماقچى بولغان تۈر ئىسمىنى يازىسىز . مەسىلەن :
http://qintomur.blogspot.com/search/label/ijadiyet
بۇ چىن تۆمۈر بلوگىنىڭ ئىجادىيەت دېگەن تۈرىنىڭ ئۇلانما ئادرىسى . بىرلا بەتكە ئۇلىنىدىغان تۈرگە بىۋاستە شۇ بەتنىڭ ئادرىسىنى ئۇلايسىز . مەسىلەن ، باش بەت ، ئالاقىلىشىڭ دېگەندەك تۈرلەر . ھەممە تۈرلەرنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن ، سىز ياسىغان بۇ 导航栏 نىڭ HTML كودىنى كۆچۈرۈپ ، بلوگنىڭ ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ ،字符 دېگەننىڭ 修改 ياكى Edit دېگەن يېرىنى بېىسپ ، HTML كودى تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتۈپ ، چاپلاڭ . تېمىسغا ھىچنىمە يازماي بوش قويۇڭ . ئاندى ساقلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاڭ . بۇ چاغدا بلوگىڭىزنىڭ باش بېتىدە سىز ياسىغان 导航栏 كۆرىنىدۇ . رەتلىك چىقمىغان بولسا ، قايتا - قايتا تەڭشەڭ، تۈز چىقىرىش سەل قېيىن . ئەمدى ماقالە يوللىغان چاغدا 标签 يەنى خەتكۈچ دېگەن يېرىگە بۇ ماقالىنى قايسى تۈرگە يوللىماقچى بولسىڭىز شۇ تۈرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويۇڭ. بىرنەچچە تۈر ئىسمىنى يازسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئارلىقىنى ئېنگىلىزچە پەش بىلەن ئايرىيسىز . دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇكى ، سىز ياسىغان 导航栏 دىكى تۈرلەرنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىدىكى tvrismi دېگەن بۆلەك بىلەن خەتكۈچ قىلغان سۆز ئىملا جەھەتتە ئوپمۇئوخشاش بولۇشى كېرەك . ماقالە يوللىنىپ بولغاندىن كېيىن ، شۇ ماقالىگە ماس تۈرنى باسساق ، شۇ تۈردىكى ھەممە ماقالە كۆرۈنىدۇ . ئەگەر قىلىش جەريانىدا مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
qq : 420640559
2 条评论:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن دەل مۇشۇ يەرنى ياسىيالمىغان ئىدىم ،تىمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم .تۇنۇشۇپ قالىلى بىللە ئۈگۈنسەك تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ .ئىسمىم جەڭگىۋار توردىكى ئىسمىم :قۇتبىلىك چ چ :137936175
چ چ نى قېتىۋېلىڭ پاراڭلاشقاچ بىلوگ ياسايلى !!
بىلوگىمنى كۆرۈپ بېقىشنى خالىسىڭىز :
http://jenggiwar.blogspot.com
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مىنىڭ بىلوگىمنى كۇرۇپ باققان بۇلسىڭىز تازا نۇرمال ئەمەس مەن تەكلىماكان ئەپەندىم
تەمىنلىگەن يازما ئىخچام شەكلىنى كۆرسىتىش دىگەن تىمىڭىزدىكى يازما ئۇسلۇبىنى تەڭشەش . تۇلۇق ئۇقۇش كۇنۇپكىسى چىقىرىش دىگەن كۇدلارنى ئشلەتكەنتىم .ھازىر بلوگدايازمىنى ئايرىم بەتتە ئېچىلىدىغان بۇلدى ئەمما يىڭى بەتتە ئېچىلغىنى يازما بۇلماي ئۇسلۇب ئۇزشەكلى بىلەن كۇرۇنىدىغان .ئايرىم ئېچىلغان بەتنىڭ سۈرئىتىمۇ خېى ئاستا بۇلۇۋالدى كۇرۇپ اققان بۇلسىڭىز بىر ياردەم قىلارسىز .........
ئىنكاس يېزىڭ