2008/12/17

تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشىدىكى مەزمۇنلار


تۇنيۇقۇق -  كۆك تۈرك
خانلىقىنىڭ خاقانلىرى  ئىلتەرىش خاقان (682-691 - يىللار)  قاپاغان خاقان (716 -
يىل) ۋە بىلگە خاقان (734 – يىلى ۋاپات بولغان) قاتارلىقلارغا باش مەسلىھەتچى
بولغان ھەمدە يۇقۇرىكى خاقانلارنىڭ خانلىق ھۆكۈمرانلىق تىكلىشىگە ناھايىتى زور
تۆھپىلەرنى قوشقان .



تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تېكىستى
تۇنيۇقۇق ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى
تۇنيۇقۇقنىڭ ئۆزىگە دائىر ۋەقەلەر بايان قىلىنغان . بۇنى تۇنيۇقۇقنىڭ تەرجىمىھالى
دىيىشكە بولىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاش تېكىستىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ئىخچام ، چۈشىنىشلىك ۋە
مەزمۇنلۇق بولۇپ، تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى  ئۆگىنىشىكە ئەرزىيدۇ .



  تېكىستتە ئۇچرىغان
"......" چىكىتلەر  مەڭگۈ تاشتا ئۇپراپ بۇزۇلغان جايلار ،  (ئېلىنغان سۆزلەر
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار قوشۇپ قويغان سۆزلەر . * بەلگىسى
قويۇلغان سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتى ئاخىرىدا .




تولۇق تېكىستى



بىلگە* تونيۇقۇق مەن ئۆزۈم
تابغاچ* ئېلىدە ئۆستۈم .  ( ئۇ زامانلاردا )  تۈرك خەلقى تابغاچقا قارايتتى .  تۈرك
خەلقىنىڭ خانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تابغاچتىن ئايرىلدى ۋە (ئۆزلىرىگە) خان تىكلىدى .
( كېيىن ) خاقاننى تاشلاپ  يەنە تابغاچقا تەۋە بولۇپ قالدى . تەڭرى مۇنداق دېگەن
ئىكەن : سىلەرگە خان بەردىم ، خانىڭلارنى تاشلاپ  ، تابغاچغا يەنە تەۋە
بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن تەڭرى سىلەرگە ئۆلۈم بەردى .  ( شۇڭا ) تۈرك خەلقى ئۆلدى ،
ھالاك بولدى ، يوقالدى . تۈرك سىر* خەلقى يېرىدە بوي ئادەم قالمىدى ، ئورمانلىق ۋە
تاغ – دالىلاردا قالغانلىرى يىغىلىپ يەتتە يۈز بولدى . بۇلارنىڭ ئىككى ئۈلۈشى
ئاتلىق ئىدى، بىر ئۈلۈشى پىيادە ئىدى . بۇ يەتتە يۈز كىشىنى باشلاپ يۈرگۈچى قوشۇن
ئۇلۇغى شاد* ئىدى . ئۇ ماڭا ( قوشۇنىمىزغا ) قوشۇلغىن ، دېدى . قوشۇلغان كىشى مەنكى
بىلگە تونيۇقۇق ئىدىم . مەن ئۇنى خاقان قىلاي دېدىم . مەن مۇنداق ئويلىدىم : ئورۇق
بۇقا بىلەن سېمىز بۇقا يىراقتا ئۈسۈشسە ، ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقىنى
ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ . مەن ئاشۇنداق ئويلىدىم . شۇندىن كېيىن تەڭرى ( ماڭا )
ئەقىل بەرگەنلىكى ئۈچۈن، مەن ( ئۇنى ) خاقان ( بولۇشقا دەۋەت) قىلدىم . بىلگە
تونيۇقۇق بويلاباغا تارقان  ئىلتەرىس قاغان بىلەن بىرلىكتە ، جەنۇپتا ...... شەرقتە
قىتانلار* ، شىمالدا ئوغۇزلاردىن كۆپ ئۆلتۈردۇق . بىلگەسى لەشكەر باشلىقى مەنلا
ئىدىم . بىز  چوغاي قوزى* ۋە قارا قۇمدا*  ئولتۇراقلاشقان ئىدۇق . كىيىك يەپ ،
توشقان يەپ كۈن كەچۈرەتتۇق . خەلقنىڭ قارنى توق ئىدى . دۈشمەنلىرىمىز ئەتراپىمىزدا
قۇشلاردەك كۆپ ئىدى . بىز جانسىز ھايۋاندەك ئىدۇق . شۇنداق ئولتۇرغىنىمىزدا ،
ئوغۇزلاردىن چارلىغۇچى كەلدى . چارلىغۇچىنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى : توققۇز ئوغۇز (
خەلقى ) ئۈستىدە خاقان ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇ تابغاچقا قۇنى سەنگۇنىنى ، قىتانغا
تۇڭرسەمنى ( ئەلچىلىككە ) ئەۋەتىپتۇ . ئۇلار مۇنداق سۆزنى ئېلىپ بېرىپتۇ : ئازغىنا
تۈرك خەلقى ھەركەتلىنىپ يۈرىۋېتىپتۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ئىكەن ، مەسلىھەتچىسى
دانىشمەن ئىكەن . ئۇ ئىككىسلا بولىدىكەن سەن تابغاچلارنى قىرىپ تاشلايدۇ، شەرقتە
قىتانلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ، بىز ئوغۇزلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ، تابغاچلار ، سىلەر
جەنۇپتىن تېگىڭلار ! قىتانلار ، سىلەر شەرقتىن تېگىڭلار ! مەن شىمالدىن تېگەي ! 
تۈرك سىز خەلقى يېرىگە خان يولاتمايلى ، مۇمكىن بولسا ، ئۇلارنى يوقىتايلى ! 
ئۇسۆزنى ئىشتىپ تۈنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى . ئاندىن كېيىن
خاقانىمدىن ئۆتۈندۈم : تابغاچ ، ئوغۇز ، قىتان بۇ ئۈچى بىرلىشىۋالسا ، بىز
تايانچىسىز قالىمىز ، ئىچكى – تاشقى جەھەتتىن دۈشمەنگە تۇتۇلىمىز . يۇققا نەرسىنى
ئېگىش ئاسان ، ئىنچىكە نەرسىنى سۇندۇرۇشمۇ ئوڭاي ؛ يۇققا قېلىن بولۇپ كەتسە ، ئۇنى
ئېگىش تەسكە چۈشىدۇ ، ئىنچىكە توم بولۇپ كەتسە ئۇنى سۇندۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ ؛ شەرقتە
قىتانلاردىن ، جەنۇپتا تابىغاچلاردىن ، غەربتە قۇرداندىن ، شىمالدا ئوغۇزلاردىن
بولۇپ ئىككى – ئۈچ مىڭ كىشلىك قوشۇن كېلىشى مۇمكىن . مەن ( خاقانىمغا ) شۇنداق
دېدىم . خاقانىم مەن ئۆزۈم – بىلگە تونيۇقۇقنىڭ ئۆتۈنگەن ئۆتۈنچەمگە قوشۇلدى . "
ئۆز كۆڭلۈڭ بويىچە ئىش قىلىۋەر " دېدى .  كۆك ئوڭدىن* يۇقۇرىلاپ قوشۇننى ئۆتۈكەن
تاققا* باشلىدىم . ئوغۇزلار ئىنەك كۇلۇكلىرى بىلەن توغلا ( دەرياسى ) دىن كەلدى . 
(ئۇلارنىڭ ) ئەسكىرى ئۈچ مىڭ ئىكەن ، بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق . سوقۇشتۇق ، تەڭرى
ساقلىدى...... تارمار قىلدۇق . (ئۇلار )  دەرياغا چۈشتى . قايتىش يولىدا يەنە (
ئۇلارنىڭ ) نۇرغۇنى ئۆلدى . شۇندىن كېيىن ئوغۇزلارنىڭ ھەممىسى كەلدى . تۈرك
خاقانىنىڭ ، تۈرك خەلقىنىڭ ئۆتۈكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، مەنكى بىلگە تونيۇقۇقنىڭ
ئۆتۈكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، جەنۇپتىكى خەلقلەر ۋە غەرپتىكى ، شىمالدىكى ،
شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ بارلىقى كېلىشتى. بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق ، ئىككى قوشۇن بولدى .
تۈرك خەلقى خەلق بولغاندىن ، تۈرك خاقانى تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان سەندۇڭ
شەھەرلىرىگە ، دەريا – دېڭىزلارغا تېگىپ باقمىغان ئىدى. خاقانىمغا ئۆتۈنۈپ قوشۇن
تارتتىم . لەشكەرلىرىمنى سەندۇڭ شەھەرلىرىگە ۋە دەريا – دېڭىزلارغا ھۇجۇم قىلدۇردۇم
. ( ئۇلار ) يىگىرمە ئۈچ شەھەرنى ۋەيران قىلدى . بۇ يۇرتلار خارابىلەرگە ئايلاندى .
تابغاچ خاقانى دۈشمىنىمىز ئىدى . ئون ئوق خاقانى * دۈشمىنىمىز ئىدى . بۇنىڭدىن
باشقا قىرغىز كۈچلۈك ...... خاقانىمۇ دۈشمىنىمىز بولدى . بۇ ئۈچ خاقان
مەسلىھەتلىشىپ ، ئالتۇن ( ئالتاي ) تېغىدا ئۇچراشماقچى بوپتۇ . ئۇلار مۇنداق
مەسلىھەتلىشىپتۇ: بىز شەرقتىن تۈرك خاقانىغا قوشۇن چىقىرايلى ، ئۇنىڭغا ئەسكەر
چىقارمىساق ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ، ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن ، ئاخىر بىر كۇنى
بەرىبىر بىزنى يوقىتىدۇ . ئۈچەيلەن ( بىللە ) قوشۇن چىقىرايلى ، ئۇنى يوقىتايلى ،
دىيىشىپتۇ ، تۈركەش * خاقانى مۇنداق دەپتۇ : مېنىڭ خەلقىم ئۇ يەرگە بارىدۇ . تۈرك
خەلقى ھەقىقەتەن بۇلغىنىپ ( قالايمىقانلىشىپ) كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇزلارمۇ
تارقىلىپ كەتتى . ئۇ گەپنى ئاڭلاپ تۈنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى
. شۇ چاغدا ، مەن : ...... ئالدى بىلەن قىرغىزلارغا ئۇرۇش قىلساق ياخشىراق
بولىدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلىدىم . كوگمەن ( تېغى ) غا بارىدىغان يول بىرلا ئىكەن
، ئۇنى ( قار ) قاپلىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، بۇ يولدا ماڭساق بولماسمىكىن دېدىم . يولچى
ئىزدىدىم . چۆلدىكى ئاز* پۇقراسىدىن بىرنى تاپتىم .

ئاز يېرىگە بارىدىغان
يولنىڭ ئانى دەرياسىغا ( يېقىن ) ئىكەنلىكىنى ، پەقەت بىرلا ئات بىلەن مېڭىشقا
بولىدىغان تار يول ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، مەن ئۇنىڭدىن ( يەنە ) سورىسام ، ئۇ بۇرۇن
بىر ئاتلىق كىشىنىڭ بۇ يول بىلەن ماڭغانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ يول بىلەن ماڭساق
بولىدىكەن دېدىم ، ئويلاندىم ، خاقانىمدىن ئۆتۈندۈم . قوشۇن چىقارتتىم . ئات بىلەن
دەريادىن ئۆتۈڭلار ، دېدىم . ئاق تەرمەل دەرياسىغىچە يۈرۈش قىلدۇردۇم. ئاتلارغا
مىنىپ ، قارلارنى بۆسۈپ ماڭدۇق . ئاتلارنى يېتىلەتكۈزۈپ ، تاياققا تايانغۇزۇپ
پىيادە ( تاغقا ) چىقارغۇزدۇم .  سەركەردىلەر ( قار - مۇزلارنى) ئاچتى ، بىز
ئورمانلىق چوققىلاردىن ئاشتۇق . ناھايىتى مۈشكۈلدە تاغدىن چۈشتۇق . ئون كېچە –
كۈندۈز ( تاغ ) يېنىدىكى توسالغۇلارنى ئەگىپ يۈرۈپ ماڭدۇق . يولچى ئاداشقاچقا
بوغۇزلاندى . خاقانىمىز ئەنسىرەپ تېز مېڭىڭلار ، دېدى . بىز ئانى دەرياسىغا يېتىپ
باردۇق .  ئۇ دەريانى بويلاپ تۆۋەنگە ماڭدۇق . يولدا قوشۇننى ساناش ئۈچۈن ئاتتىن
چۈشۈردۇق ، ئاتلارنى دەرەخلەرگە باغلاپ قويدۇق...... تۈننى تۈن دېمەي ، كۈندۈزنى
كۈندۈز دېمەي شامالدەك تېز يۈردۇق . قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدۇق . بىز نەيزە
بىلەن....... نى ئاچتۇق . ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ خاقانى ۋە لەشكەرلىرى توپلىنىپ
بوپتىكەن . ئۇرۇشتۇق ، سانچىشتۇق ، خاقانىنى ئۆلتۈردۇق . قىرغىز خەلقى خاقانىمىزغا
بوي سۇندى ، يۈكۈندى . بىز ياندۇق . كوگمەن تېغىنى ئەگىپ ، قىرغىزلارنىڭكىدىن
ياندۇق . تۈركەش خاقانىدىن چارلىغۇچى كەلدى. ئۇنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى :  بىز شەرقتىن
( تۈرك ) خاقانىغا  لەشكەر چىقارمىساق ، ئۇلارغا يۈرۈش قىلمىساق ، ( ئۇلار ) بىزنى
ئۆلتۈرىدۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ، ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن ، ئاخىر بىر كۈنى
بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ، دەپتۇ . تۈركەش خاقانى يولغا چىقىپ بوپتۇ ، ئون ئوق خەلقى
پۈتۈنلەي قوزغىلىپ بوپتۇ ، ( بۇلارنىڭ ئىچىدە ) تابغاچ ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىكەن . بۇ
گەپلەرنى ئىشتىپ ، خاقانىم : " مەن ئۆيگە بېرىپ كېلەي ،  خوتۇنۇم قازا قىپتۇ ، ئۇنى
دەپنە قىلىۋىتەي ، سىلەر قوشۇننى باشلاپ ئىلگىرلەۋېرىڭلار ، ئالتاي تېغىغا
ئورۇنلىشىڭلار ، ئىنەل خاقان بىلەن تاردۇش شاد لەشكەر بېشى بولۇپ ئىلگىرلىسۇن "
دىدى . ئۇ مەنكى بىلگە تونيۇقۇققا مۇنداق دېدى : " سەن بۇ قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىل .
قېيىن ( ئىشلاردا ) ئۆز كۆڭلۈڭچە قارار چىقىرىۋەرگىن ! مەن ساڭا ( يەنە ) نېمە دەي
؟ ئەگەر ئۇلار كېلىپ قالسا ، خەۋەرچىلەرنى كۆپەيتكىن ، كەلمىسە ، " تىل" ( ئەسىر )
تۇتۇپ سۆزىنى توپلاپ تۇرغىن ، دېدى . بىز ئالتۇن ( ئالتاي) تېغىدا ئولتۇراقلاشتۇق .
ئۈچ پايلاقچى قايتىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئوخشاش ئىدى : ئون ئوق خاقانى قوشۇن
چىقىرىپتۇ ، ئون ئوق قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي قوزغىلىپتۇ . ئۇلار بىز يارىس تۈزلەڭلىكىدە
توپلىنايلى ، دېيىشىپتۇ. بۇ سۆزلەرنى ئىشتىپ خاقانغا مەلۇم قىلدىم . قانداق قىلسام
بولار ؟ ( دەپ تۇرغىنىمدا ) يەنە خەۋەر كەلدى : " ئورنىڭلاردا تۇرۇۋېرىڭلار ،
ئاتلىق قاراۋۇللارنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇڭلار* " دېگەن گەپلەرنى بوگۇ خاقان ماڭا
ئەۋەتىپتۇ . لېكىن ئۇ ئاپا تارقانغا * يەنە : " بىلگە تونيۇقۇق يامان ئادەم ، قارا
نىيىتى بار ، ئەگەر ئۇ قوشۇن چىقىرىمەن ، دېسە ئۇنىماڭلار " دەپ مەخپى گەپ
ئەۋەتىپتۇ . بۇ سۆزلەرنى ئىشتىپ ، قوشۇن چىقاردىم . بىز ئالتۇن ( ئالتاي ) تاغنىڭ
يولسىز جايلىرىدىن ئاشتۇق ، ئېرتىىش دەرياسىنىڭ كېچىكسىز جايلىرىدىن كېچىپ ئۆتتۇق ،
بىز تۈن بويى ئىلگىرلىدۇق ، بولچۇ * غا تاڭ يورۇغاندا تەگدۇق. " تىل " ( ئەسىر)
كەلتۈرۈلدى ، ئۇ يارىس تۈزلەڭلىكىدە ئون تۈمەن ئەسكەر توپلاندى ، دېدى . بۇ سۆزنى
ئىشتكەندىن كېيىن ، بەگلەرنىڭ ھەممىسى: يانايلى ! ساپ نومۇس ئەلا ( شەرەپلىك مەغلۇپ
بولغان ياخشى  دېگەن مەنىدە ) ! دېدى . مەنكى بىلگە تونيۇقۇق ئۇلارغا : بىز ئالتۇن
( ئالتاي )  تېغىنى ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، ( بۇ يەرگە) كەلدۇق .
كەلمىكىمىز قېيىنغا چۈشتى . كەلگىنىمىزنى ئۇلار تۇيمىدى . تەڭرى ، ئۇماي ، مۇقەددەس
يەر – سۇ بىزگە مەدەت بېرىدۇ . بىز ( يەنە ) نىمىشقا تېزىپ كېتىمىز ؟ !  ئۇلارنىڭ
ئادىمىنىڭ كۆپلىكىدىن نېمە ئۈچۈن قورقۇپ كېتىمىز ؟ ئادىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۈپەيلى
ئۇلاردىن يېڭىلىپ قالاتتۇقمۇ ؟ تېگەيلى ! دېدىم . تەگدۇق ، يېڭىپ چىقتۇق. ئىككىنچى
كۈنى ئۇلار يەنە كەلدى . ئۇلار ئوتتەك قىززىپ كەلدى . سوقۇشتۇق  . ئۇلارنىڭ  ئىككى
قاناتتىكىلىرى بىزنىڭكىلەردىن سىڭارچە ( يېرىم ھەسسە) كۆپ ئىدى . تەڭرى
ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ كۆپلىكىدىن قورقۇپ كەتمىدۇق . سوقۇشتۇق . تاردۇش شاد
جەڭگە قاتناشتى . بىز يەڭدۇق . خاقانىنى تۇتتۇق . يابغۇسى ۋە شادى شۇ يەردە
ئۆلتۈرۈلدى . ئەللىكچە ئادىمىنى تۇتتۇق . شۇ كېچىسى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە ( ئەلچى )
ئەۋەتتۇق . بۇ خەۋەرنى ئىشتىپ ئون ئوق بەگلىرى ۋە خەلقى پۈتۈنلەي كەلدى ، يۈكۈندى .
ئەل بولغان بەگلەر ۋە خەلقلەرنى تەشكىللەۋاتقىنىمدا، ئۇلارنىڭ بىرقىسمى قېچىپ كەتتى
.  ئۇلارنى قوغلاشقا ئون ئوق ئەسكەرلىرىنى چىقارتتىم . بىزمۇ ئەسكەر چىقاردۇق ،
ئۇلارنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ماڭدۇق ، يىنچۇ ( ئۈنچە) دەرياسىدىن * ئۆتۈپ ، " تىنسى
ئوغلى" * دەپ ئاتىلىدىغان مۇقەددەس ئاق تاغدىن ئاشتۇق . تاكى  تۆمۈر قاپقىغىچە*
باردۇق . قوشۇننى شۇ يەردىن ياندۇردۇق . ئىنەل خاقان ...... ساقا* ، تەزىك* ،
توقرى* ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاسۇق باشچىلىقىدىكى سوغداق خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى
ئەل بولدى ، يۈكۈندى .......تۈرك خەلقى تۆمۈر قاپقىغا ۋە " تەڭرى ئوغلى " دەپ
ئاتىلىدىغان تاغقا ئەزەلدىن تېگىپ باقمىغان ئىدى . مەنكى بىلگە تونيۇقۇق ئۇ يەرگە
يۈرۈش قىلدۇرغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلار ( سوغداقلار ) سانسىزلىغان سېرىق ئالتۇن ، ئاق
كۈمۈش ، قىز – ئاياللارنى ، ئېسىل ئىگەر – جابدۇق ۋە ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى
كەلتۈردى .  ئىلتەرىس خاقان دانا بولغانلىقى ئۈچۈن ، باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ
بىلەن ئون يەتتە قېتىم سوقۇش قىلدى ، قىتانلار بىلەن يەتتە قېتىم سوقۇشتى .
ئوغۇزلار بىلەن بەش قېتىم ئۇرۇش قىلدى . شۇ چاغدىمۇ ئەقىلدارى يەنىلا مەن ئىدىم ،
ياغىچىسى ( تەشكىللىگۈچىسى ) يەنىلا مەن ئىدىم. ئىلتەرىس خاقانغا ، تۈرك بوگۇ
خاقانغا ، تۈرك بىلگە خاقانغا ....... قاپاغان خاقان يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقتىدا ،
مەن قاپاغان خاقانغا ياردەملىشىپ ، ئۇنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدۇم . تۈنلىرى خاتىرجەم 
ئۇخلىيالمىدىم ، كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم . قىزىل قانلىرىمنى تۆكتۈم ، قارا
تەرلىرىمنى ئاقتۇردۇم . مەن ( دۆلەت ) ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم . مەن ئۆزەم
يەنە ئاتلىق قوشۇن چىقاردىم . مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى كېڭەيتتىم .  يېنىپ –يېنىپ
تۇرغان  دۈشمەنلەرنى بوي سۇندۇردۇم . خاقانىم بىلەن بىرگە ( كۆپ قېتىم )  جەڭگە
قاتناشتىم . تەڭرى ساقلىدى . مەن تۈرك خەلقى زىمىنىدە تولۇق قوراللانغان
دۈشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم . بەلگىسى بار ئاتلارنىڭ ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرۈشىگە يول
قويمىدىم . ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان بولسا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، مەن تىرىشمىغان
بولسام ، دۆلەت ۋە خەلق يوق بولاتتى . ئۇ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ،
مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن ، دۆلەت يەنىلا دۆلەت بولدى ، خەلق يەنىلا خەلق بولدى .
ئۆزەم قېرىدىم . ئۇلۇغ بولدۇم . ھەرقانداق يەردىكى خاقانلىق خەلقلەردە مەندەك ئادەم
بولىدىكەن ، ئۇلاردا نېمە غەم بولسۇن .  تۈرك بىلگە خاقان ئېلىگە ، مەنكى بىلگە
تونيۇقۇق ( بۇ مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرنى ) يازدۇردۇم . ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان
بولسا ، مەن ئۆزۈم – بىلگە تونيۇقۇق تىرىشمىغان بولسام ، مەن بولمىغان بولسام ،
قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى تۇپرىقىدا خەلق ئادەم – ئىنسان بولمىغان بولاتتى .
ئىلتەرىس خاقان ۋە مەنكى بىلگە تونيۇقۇق تىرىشقانلىقىمىز ئۈچۈن ، قاپاغان خاقان ۋە
تۈرك سىر خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى . تۈرك بىلگە خاقان تۈرك سىر خەلقىنى ،
ئوغۇزلارنى باقماقتا .



 



ئىزاھات :


بىلگە
-  دانىشمەن ، ئەقىلدار دېگەن مەنىدە .


تابغاچ
-  ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ھەرخىل مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ كەلدى . مەڭگۈ تاش
تېكىستلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ ئاتالغۇ خاس تاڭ سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ .


سىر - 
تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى .


شاد –
مەنسەپ – ئەمەل نامى .


قىتان –
مىللەت نامى . كېيىنچە " خىتاي " غا ئۆزگەردى . لىياۋ سۇلالىسىنى قىتانلار قۇرغان .


چوغاي
قوزى – يەر نامى .


قاراقۇم
– يەر نامى .


سەنگۇن
(سانغۇن) – قەدىمكى تۈركىي تىلدا جىياڭجۈننى شۇنداق ئاتىغان .


كۆك ئوڭ
– يەر نامى .


ئۆتۈكەن
تاغ – تۈرك خەلقى ئەزەلدىن چوقۇنۇپ كەلگەن مۇقەددەس تاغلارنىڭ بىرى . ئورخۇن
دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىغا توغرا كېلىدۇ .


ئون ئوق
خاقانى – غەربىي تۈرك خانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .


تۈركەش
– تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى .


ئاز –
خەلق نامى .


ئانى –
سايان تاغلىرىنىڭ شىمالىي تارمىقىدىكى بىر دەريانىڭ نامى .


تارقان
– مەنسەپ – ئەمەل نامى .


بولچۇ –
يەر نامى .


تىنىسى
ئوغلى – تەڭرى ئوغلى دېگەن گەپ .


تۆمۈر
قاپىغ ( قاپقا) – سەمەرقەند بىلەن بەلخ ئارىسىدىكى بوزقالا تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى
مۇھىم ئۆتكەل .


ساقا –
قەدىمقى ساقلار .


تەزىك –
تاجىكلارنى كۆرسەتسە كېرەك .


توقرى –
بۇ قەدىمقى تۇخارلارنى كۆرسەتسە كېرەك .


 



تولۇقسىز ئوتتۇرا ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئېلىندى .



 



没有评论:

ئىنكاس يېزىڭ